تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مۇنداق تارغاقنى ئەمدى ئىشلەتمەڭ

    چاچ تاراش ئارقىلىق چاچنىڭ شەكلىنى تۈزىگىلى ۋە مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك تارغاق بىلەن چاچ تارىغاندا چاچ تېخىمۇ كىرلىشىپ كېتىدۇ.
    تارغاقنى ھەركۈنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاسانلا مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. بەزى كىشىلەر سۈرەتتىكىدەك بۇ خىل تارغاققا چاچ ئاسان كىرىپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچقانداق يىتەرسىزلىكى يوق دەپ قارايدۇ.
    دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق چاچ، ماي، چاڭ-توزان ۋە قىسمەن چاچ مەھسۇلاتلىرى بۇ خىل تارغاققا يېپىشىۋالىدۇ. مەيلى كۆزىمىز بىلەن كۆرگىلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ۋاقتىدا تازىلىمىساق بەكلا مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. ھەر قېتىم چاچ تارىغاندا، تارغاققا يېپىشىپ قالغان كىرلار چاچقا قايتىدىن يېپىشىپ قالىدۇ.
    ئۇنداقتا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تارغاقنى قانداق تازىلاش كېرەك؟

    بۇ خىل تارغاقنى تازىلاشنىڭ ئىككى باسقۇچى بار.

    بىرىنچى باسقۇچ: تارغاق يۈزىدىكى چاچلارنى تازىلاش
    ئۇزۇن چاچلار بۇ خىل تارغاققا تېخىمۇ ئاسان كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن تارغاقتىكى چاچلارنى تازىلاش كېرەك.
    تازىلاشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار: ئۇچلۇق قۇيرۇقلۇق تارغاق، قايچا.
    تازىلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قۇيرۇقى ئۇچلۇق تارغاقنىڭ ئۇچىنى بۇ خىل تارغاقنىڭ ئاستىغا كىرگۈزۈپ، چاچلارنى چىقىرىمىز ئاندىن قايچا بىلەن قىسمەن چاچلارنى كېسىۋېتىمىز.

    ئىككىنچى باسقۇچ: تارغاققا يېپىشىپ قالغان جاھىل نەرسىلەرنى تازىلاش
    بەزىدە، ئۇچلۇق قۇيرۇقلۇق تارغاق بىلەن قايچىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، تارغاقنىڭ ئاستىدىكى مەينەك نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
    تازىلاشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار: سۇ، يېمەكلىك سودا پاراشوكى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، چىش چوتكىسى.

    تازىلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن بىر قوشۇق يېمەكلىك سودا پاراشوكى بىلەن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن تارغاقنى يېمەكلىك سودا پاراشوكى قوشۇلغان سۇغا 15 مىنۇت چىلايمىز.

    15 مىنۇتتىن كېيىن تارغاقنى سۈزۈۋېلىپ، بىرىنچى باسقۇچنى قايتا تەكرارلايمىز. چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى چاچنى يۇمشۇتۇپ، جاھىل كىرلارنىمۇ چىقىرالايدۇ.

    يېمەكلىك سودا پاراشوكى تارغاقتىكى مايلارنى ئېرىتىدۇ، شۇڭا چىش چوتكىسى بىلەن تارغاقنىڭ ئاستى قىسمىنى ئەستايىدىل چوتكىلىغاندا تارغاق پاكىزلىنىدۇ.
    ساغلاملىق ئۈچۈن، تارغاقنى تازىلاش ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ھەر ئايدا تارغاقنى بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى