تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۆزنى يۇمۇپ 10 مىنۇت ئارام ئالدۇرۇشنىڭ پايدىسى

  ئۇيقۇ ياخشى بولسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ ياخشى بولىدۇ. يېتەرلىك ئۇيقۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئامېرىكىنىڭ «تەبىئەت پەنلىرى دوكلاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئەستە ساقلاشتىن بۇرۇن كۆزىنى ئون مىنۇت يۇمۇۋالغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

  يېڭى تەتقىقاتنى ئەنگلىيە ھىروت ۋات داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور مايكول كرايىگ بىلەن دوكتور مىچىل دىۋال ھەمكارلىشىپ تاماملىغان. بۇ ئىككى ئالىم تەپسىلىي ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى باھالايدىغان سىناقنى لايىھەلەپ چىققان. ئۇلار ئوتتۇرىچە يېشى 21 ياش بولغان 60 ياش يىگىت-قىزغا ئىككى قېتىم «ئوخشاش گۇرۇپپا» ىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسەتكەن، ئىككىنچى قېتىم كۆرسەتكەن سۈرەتكە بىرىنچى قېتىملىق گۇرۇپپىغا سەل ئوخشىمايدىغان «توزاق سۈرەتلەر» نى قوشقان. سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەپسىلىي نۇقتىلارنى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولسىلا بۇ «توزاق سۈرەتلەر» نى تاپالايدىكەن.

  نەتىجىدە بايقىلىشىچە، بىرىنچى قېتىم سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن كۆزىنى يۇمۇپ ئون مىنۇت ئارام ئالدۇرغانلار «توزاق سۈرەتلەر» دىكى تەپسىلىي نۇقتىلارنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن بايقىغان ھەمدە تېخىمۇ كۆپ نۇقتىلارنى كۆرەلىگەن. كۆزىنى يۇمۇپ ئون مىنۇت ئارام ئالمىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلانغان مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي خاتىرىلەر تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە توغرا بولغان.

  دوكتور كىرايگ مۇنداق دېدى: تەتقىقات نەتىجىسى قىسقا ۋاقىت كۆزىنى يۇمۇپ ھاردۇق ئېلىشنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، تەپسىلىي خاتىرىلەرنى مۇستەھكەملەشتىكى ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنىڭ كونكرېت مېخانىزمى تېخى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىدى. ئەمما ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۆگىنىش جەريانىدىكى تىنچ ئارام ئېلىش خۇددى ئۇيقۇغا ئوخشاش رول ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى