تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

2017~2018-مۇسابىقە پەسلىلىك گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى «ئەڭ ياخشى مۇسابىقە مەيدانى»

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: گېرمانىيە پۇتبولچىلار كەسپىي بىرلەشمىسى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 2017~2018-مۇسابىقە پەسلىلىك گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى «ئەڭ ياخشى مۇسابىقە مەيدانى» نى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، لېۋېركۇسېن كۇلۇبىنىڭ بايېر رىقابەت مەيدانى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى مەيدان؛ خېدېنخېم كۇلۇبىنىڭ ۋويز رىقابەت مەيدانى گېرمانىيە ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى مەيدان بولۇپ تاللاندى.

  بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىۋاتقىنىغا بۇ يىل بەش يىل بولدى، گېرمانىيە چىملىق جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ كەسپىي ئەربابى باھالاش ئۆمىكى بولۇپ تەشكىللىنىپ، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ چىملىق سۈپىتى ۋە ئاسرىلىش ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتىدۇ. كەسپىي ئەربابلىرىنىڭ باھالىشىدىن باشقا، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى كوماندىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن رېپېرلار بەرگەن ئۇنىۋېرسال باھامۇ باھالاش نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە گېرمانىيە ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىملىق پەرۋىش خادىملىرى يىغىنىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى