تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

تۇرمۇشتا ئۇتتۇرۇشنىمۇ ئۆگىنىپ قويغۇلۇق

ماتېرىيال سۈرەت

    كىشىلەر تۇرمۇشتا ئۇرۇشۇپ تالىشىۋاتقان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى زىددىيەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، زىددىيەتنىڭ نېگىزى ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەتنى كىمنىڭ كونترول قىلىشى. كۆپىنچە ھاللاردا قارشى تەرەپنى كونترول قىلىشتىن ۋاز كېچىش بىلەن ئاجىزلىق بىر ئۇقۇم، دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئائىلىدىكى تالاش-تارتىشلاردا يەڭگۈچى مەڭگۈلۈك غالىپ ئەمەس، بەلكى مەغلۇب بولغۇچى. بىز تۇرمۇش قۇرۇپ نېمىگە ئېرىشمەكچى، ئەلۋەتتە سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە. شۇڭا ئائىلىدىكى دەتالاشلاردا يېڭىشنى ئويلىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال ئۇتتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

   ھازىرقى زامان پسىخىكىشۇناسلىرى «قايتا-قايتا يېڭىش» ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمما ئائىلىدە مۇۋەپپەقىيەت ھەمىشە «ئارقا-ئارقىدىن ئۇتتۇرۇش» تاكتىكىسى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.

   ئالايلى، ئايالنىڭ بىر مەيدان سېمفونىيە ئاڭلىغۇسى كەلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئېرى سېمفونىيەنى ياقتۇرمايتتى، ئۇنىڭ بېلىق تۇتقىلى بارغۇسى بار ئىدى، ھالبۇكى ئېرى ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ، ئۆزى ئاڭلىغۇسى يوق مۇزىكىنى نەچچە سائەت بەرداشلىق بېرىپ ئاڭلىدى، كۆرۈنۈشتە خالىغىنىغا ئېرىشەلمىگەن ئەر ئايالىغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلىدى. ئەجىبا، بۇ ناھايىتى ئاددىي بەدەل ئارقىلىق ئېرىشكەن خۇشاللىق ئەمەسمۇ؟

   ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش-تالاش ھېسسىياتقا دەز كەتكۈزىدۇ. جورىڭىز قاتتىق ئاچچىقلانغاندا سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. ئوتتۇرۇڭلاردىكى جېدەل-ماجىرانى پەسەيتىپ، «بوران-چاپقۇن» نى تىنجىتىپ سىناپ بېقىڭ. ئايالىڭىزغا ئۇنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى، كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىڭىزنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېقىڭ، ئۆزىڭىزمۇ يېنىكلەپ قالىسىز، يامان ئىش ياخشى ئىشقا ئۆزگىرىدۇ.

   شۇڭا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، جورىڭىزنى كونترول قىلىشتىن ۋاز كېچىڭ، ئائىلىدىكى دەتالاشتا يېڭىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇتتۇرىۋەتكىنىڭىزگە تەن بېرىڭ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى