تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇ تازىلىغۇچ تاللىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (2)

    بىخەتەر ھەم مۇۋاپىق سۇ تازىلىغۇچ سېتىۋېلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

   بىرىنچى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ياخشى، كۆپچىلىك بىلىدىغان ماركىدىكى سۇ تازىلىغۇچىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. ئىمكانقەدەر مۇنتىزىم زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان، داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا سۈپىتىگە تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇ جايدا سېتىش نۇقتىسى بولغان ياكى مۇنتىزىم مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بار ماركىدىكى سۇ تازىلىغۇچنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل زاۋۇتتا ئىشلەنگەن مەھسۇلات شۇ جاينىڭ سۇ سۈپىتىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ ھەم سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى كاپالەتكە ئىگە. لۇ جيەنگو، ھەر جايدىن كەلگەن سودىگەرلەر ساتقان ۋە كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۇ تازىلىغۇچنى سېتىۋالغاندا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئەسكەرتتى. چۈنكى بۇنداق سۇ تازىلىغۇچنىڭ باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، لېكىن شۇ جاينىڭ سۇ سۈپىتى ئەھۋالىغا ماس كەلمەسلىكى ياكى سۈپەت كاپالىتى يوق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر ئىستېمالچىلار پەرقلەندۈرەلمىسە «A+ گۇۋاھلىقى» بار بولغان سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ سۇ تازىلىغۇچ ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق سۈپەت گۇۋاھلىقى بولۇپ، مەھسۇلات ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

   ئىككىنچى، سۇ تازىلاش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارى ياخشى بولغان سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋېلىش كېرەك. سۇ تازىلاش ئۈنۈمىنى كۆز بىلەن كۆزىتىش تەس، شۇڭا مال ساتقۇچىدىن مەسلىھەت سوراپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئېغىر مېتاللار ۋە ئورگانىك بىرىكمىلەرنى ساپلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن سېتىۋېلىش كېرەك. بەزى سودىگەرلەر «TDS سۇ ئۆلچەش قەلىمى» بىلەن ئۆلچەپ چىققان سانلىق مەلۇماتنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمما ئىستېمالچىلار بۇنىڭغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكى، مۇنتىزىم ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلىنىشى كېرەك. سىڭىپ كىرىشكە قارشى سۇ تازىلىغۇچ سېتىۋالغاندا ئىستېمالچىلار سۇ تازىلاش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشى، سۇ چىقىرىش نىسبىتى %50 تىن يۇقىرىنى تاللىشى كېرەك .

   ئۈچىنچى، مەھسۇلات گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. قېلىپلاشقان كارخانىلارنىڭ سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەممىسىدە سەھىيە ئىجازەت تەستىق نومۇرى، ئومۇمىي سۇ تازىلاش مىقدارى، سۇ ئېقىم مىقدارى، مەھسۇلات ئىجرا قىلىش ئۆلچەم نومۇرى ۋە مەھسۇلات نامى قاتارلىق ئۇچۇرلار بار. ئىستېمالچىلار نومۇرغا ئاساسەن دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىن سەھىيە ئىجازەت تەستىق نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرسە بولىدۇ.

   تۆتىنچى، ئىقتىدار-باھا نىسبىتى، سۇ تازىلاش ئۆمرىنى ئويلىشىش كېرەك. سۇ تازىلاش ئۆمرى سۇ تازىلىغۇچنىڭ ئىقتىدار-باھا نىسبىتى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ. سۇ تازىلاش ئۆمرى ئومۇمىي تازىلانغان سۇ مىقدارى ۋە تازىلانغان سۇ ئېقىم مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي تازىلانغان سۇ سۈزگۈچ ئۆزەكنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئۈنۈملۈك تازىلاپ چىقىرىدىغان سۇ مىقدارى، سانلىق قىممىتى قانچە چوڭ بولسا، سۈزگۈچ ئۆزەك ئالماشتۇرۇش ۋاقتى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ؛ سۇ ئېقىم مىقدارى ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى بولسا سۇ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى. سۇ ئىشلىتىش مىقدارى كۆپ بولغان ئائىلىلەر سۇ ئېقىم مىقدارى چوڭ بولغان سۇ تازىلىغۇچنى سېتىۋالسا بولىدۇ، بولۇپمۇ سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولغان سىڭىپ كىرىشكە قارشى سۇ تازىلىغۇچنى سېتىۋالسا بولىدۇ. جۈملىدىن ئىستېمالچىلار تەپسىلىي سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئارقىلىق ئىقتىدار-باھا نىسبىتى يۇقىرى بولغان سۇ تازىلىغۇچنى سېتىۋالسا بولىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى