تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 2018-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلاندى.

  مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنىڭ نۇقتىلىق قوللاش يۆنىلىشلىرى بولسا يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى نۇقتىلىق قۇرۇش تۈرى، مەركىزىي ئاشخانا بىلەن ئاساسىي قورۇمىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش تەقسىملەش مەركىزىنى قۇرۇش تۈرى، ئالاھىدە تائاملار كوچىسىنى (رايونى) قۇرۇش تۈرى، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش تۈرلىرىگە قارىتىلىدىكەن.

  شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، تەۋەلىكىدىكى سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مالىيە ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تەمىنلىسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەر يىلى مالىيە مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك كىرىمى 13 مىليارد 517 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.9 ئاشقان؛ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك كىرىمى 15 مىليارد 171 مىليون يۈەن بولۇپ، %12.2 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى