تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كاۋاپ يېيىش يۈرەككە زىيانلىق

  خارۋارد داشۆسىنىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كاۋاپ يېگەندە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەش خەۋپى يۇقىرىلاپ كەتكەچكە، يۈرەككە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. كاۋاپنى ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ يەيدۇ، ئەمما كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا تازا ماس كەلمەيدۇ. كاۋاپ قىلغاندا گۆشنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، يەنە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ھاسىل بولىدۇ، كاۋاپ يۈرەك كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، سالامەتلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

  يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردە «كېيىنكى قەنتلىشىش ئاخىرقى ھاسىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىرىكمە پەيدا بولىدۇ، بۇ كىچىك ھۈجەيرىلەرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يۈرەك كېسىلى بارلار گۆش يېمەكچى بولسا، دۈملەنگەن ۋە سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشلەرنى يېسە سالامەتلىكىگە تېخىمۇ پايدىلىق، ئىسلىغان ۋە مايدا پىشۇرۇلغان گۆشلەرنى يېيىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك.

  ئەگەر كاۋاپ يېيىشنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلسىڭىز بەدىنىڭىزگە بولغان زىيىنىنى ئازايتالايسىز. مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەكتە سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كاۋاپ تۈرىدىكىلەرنىڭ تۇز قاتارلىق خۇرۇچلىرى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا يېمىگىنى تۈزۈك، ئەگەر ئۆزلىرى كاۋاپ پىشۇرالىسا خۇرۇچلارنى ئاز سېپىپ يېسە بولىدۇ؛ قاندا ماي تەركىبى يۇقىرىلار يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىشى كېرەك، ئەگەر ئورۇق گۆش بولسا ئاز مىقداردا يېسە بولىدۇ. يېمەكلىكلەرنى كاۋاپ قىلىش جەريانىدا سۇ تەركىبى خوراپ، قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر كاۋاپ پىشۇرغاندا قىيام سۈرۈپ، نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنى ئۆزگەرتىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما قىيامنى كۆپ سۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ كۆپ تۇزنى قوبۇل قىلىۋېلىش مۇمكىن. گۆش خۇمارىنى بېسىش بىلەن تەڭ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسى ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى ۋاقتىدا يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

  كاۋاپ يېگەندە گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، يەتتە ئۈلۈش گۆشكە ئۈچ ئۈلۈش كۆكتات ئارىلاشتۇرۇش بىرقەدەر ساغلام ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا يەنە يېڭى مېۋە-چېۋىلەرنى قوشقان ياخشى. بىر تال مايمۇن شاپتۇلى، ياكى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى ئىككى تال پەمىدۇر، ياكى ۋىتامىن تەركىبى يۇقىرى بولغان پەسىللىك مېۋىلەر ئەڭ ماس كېلىدۇ. مېۋە-چېۋىلەر تەركىبىدىكى ۋىتامىن C راك پەيدا قىلغۇچى ماددا نىتروزامىننىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ، ۋىتامىن E نىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپنى ئازايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 内置用户

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى