تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

جاينا كەشتىچىلىكتىن بەخت يولىنى «كەشتىلەپ» چىقتى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: باش بېزەكلىرى، ھەر خىل ئاسما گىلەم، تۈرلۈك پوسۇندىكى رەڭدار كۆڭلەكلەر...بۇرچىن ناھىيەسى چوڭقۇر بازىرى جاينا تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا قولدا كەشتىلەنگەن ھەر خىل بۇيۇملار كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى.

  ـــ تىككۈچىلىك دۇكىنىدىن بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغىچە تەرەققىي قىلىش مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتتى،- دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇل خىزمەتچىسى جاينا ماۋىتقان 6-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇخبىرغا.

  جاينا كىچىكىدىنلا يىپ-يىڭنە ئىشلىرىغا ئامراق ئىدى، ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا پارچە-پۇرات رەختلەردىن چىرايلىق كىيىملەرنى تىكىۋالاتتى، يەنە تېخى ساۋاقداشلىرىغا جىلىتكە، پەلەي تىكىپ بېرەتتى. ئۇ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھۈنەر ئۆگەنمەكچى بولۇپ، بىر سەيپۇڭچىلىق دۇكىنىدا ئىشلىدى، قىزىقىش ئۇنى ھۈنەرلىك قىلدى. جاينا شۇ چاغلاردىن باشلاپلا بىر تىككۈچىلىك دۇكىنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى.

  2006-يىلى، جاينا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇنىڭ پۇختا، ئۆزگىچە سەيپۇڭچىلىق ماھارىتى دۇكىنىنىڭ سودىسىنى ئاقتۇردى. 40 كۋادرات مېتىرلىق دۇكاندىن 80 كۋادرات مېتىرلىق، يەنە 140 كۋادىرات مېتىرلىق دۇكانغىچە، دۇكان ئۈزلۈكسىز چوڭايماقتا ئىدى.

  كۈنلەرنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى جاينانىڭ قەلبىگە يېڭى ئارزۇلارنى سالدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كەشتىچىلىك خىزمىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  2013-يىلى، «جاينا» كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، يەرلىك ھۆكۈمەت كوپىراتىپقا 10 دانە تىككۈچىلىك ماشىنىسى سوۋغا قىلدى. جاينا سەيپۇڭلۇق دۇكىنىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلىغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە  كەنتتىكى كەشتىچى ئۇستامغا ئايلاندى.  كەشتىچىلىككە قىزىقىدىغان 30دىن ئارتۇق مېيىپ كىشى جاينادىن كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

  2014-يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن جاينا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسىدا، مېيىپلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسى قۇرۇلدى. جاينا ئاياللارغا كەشتىلەشنى ئۆگەتكەندىن سىرت، يەنە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، كوپىراتىپىدىكى ئەر خىزمەتچىلەرگە ياغاچ ئويمىچىلىق ۋە كەپشەرلەش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتتى. نۆۋەتتە، 300دىن ئارتۇق كىشى ئۆگىنىشنى تاماملىدى، بۇنىڭدىكى 200دىن ئارتۇق كىشى يېڭى خىزمەتكە ئېرىشتى.

  جاينا شىركەت ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  -ھازىر سىياسەتلەر شۇنداق ياخشى، تىرىشساقلا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەشتىنى ياقتۇرىدىغانلار كۆپ، بۇ بازارنىڭ كەلگۈسى پارلاق، كەنت ئاھالىلىرى بۇ ماھارەتنى ئۆگىنىۋالسا بېيىش يولىدىن بىرى ئېچىلدى، دېگەن گەپ،-دېدى جاينا.

  نۆۋەتتە، «جاينا» ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن زاكاز ئالماقتا، نۇرغۇن سودىگەر يەنە بۇ كەشتىلەرنى جېمىنەي پورتى ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلەرگە ماڭدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى