شىنخۇا ئاگىنتلىقى سىدنېي 6-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى: 65-نۆۋەتلىك سىدنېي كىنو بايرىمى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېيدا باشلاندى، كىنو بايرىمىدا 66 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 334 مۇنەۋۋەر فىلىمى قويۇلىدۇ.
بۇ يىللىق كىنو بايرىمىغا شىن يۈكۈن رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ئۈنسىز پارتلاش» ۋە رېژىسسور ياڭ دېچاڭنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى «گۇلىڭ كوچىسىدىكى ئۆسمۈر قاتىل» قاتارلىق جۇڭگونىڭ كىنولىرىمۇ قاتناشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىملىق كىنو بايرىمىغا يەنە ئولۋىئا مارتىن ماكگۇئىر رېژىسسورلۇق قىلغان، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن، جۇڭگونىڭ توي كۆينەك ئىگىلىكى مۇجەسسەملەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو مۇھەببىتى»مۇ قاتناشتۇرۇلدى.
ئوخشىمىغان كىنو كۆرۈش توپلىرىغا قارىتا بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمىدا قورقۇنچلۇق فىلىم، مۇزىكىلىق فىلىم ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە كۆرۈشكە ماس كېلىدىغان فىلىم قاتارلىق ئوخشىمىغان تىپتىكى كىنولار قويۇلۇپ، ئوخشىمىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، كىنو بايرىمىدا يەنە كىلاسسىك كىنولارمۇ قويۇلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، سىدنېي كىنو بايرىمى 12 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.