تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىڭىزغا ماڭگونىڭ تولۇق پىشقانلىرىنى يېگۈزۈڭ

  ھازىر ماڭگو بازارغا چىقىدىغان پەسىل، تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭلارغا قارىغاندا كىچىك بالىلار ماڭگونى بەكرەك ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ھالبۇكى ماڭگو ناھايىتى ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈكنى پەيدا قىلىدىغان مېۋە، بەزى بالىلار ماڭگونى پۇراپ قويسا، تۇتۇپ قويسىمۇ ئەسۋە چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلارغا بالىلار تۇنجى قېتىم ماڭگو يېگەندە چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.

  ئادەتتە ماڭگو رېئاكسىيە قىلسا ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ: بىرى، ماڭگونىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئاقسىل قاتارلىق تەركىبلىرىنىڭ رېئاكسىيەسى بولۇپ، بۇنىڭدا ماڭگو يېگەندىن كېيىن جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما يۈز بېرىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ماڭگو بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن تۈرلۈك تېرە ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، بۇ دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان ماڭگو تېرە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.

  بەزى بالىلارغا تۇنجى قېتىم ماڭگو يېگەندىلا رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن، بەزى بالىلارغا بىر نەچچە قېتىم يېگەندىن كېيىن رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن، بۇ ماڭگونىڭ سورتى ۋە پىشىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى ماڭگو تەركىبىدە يەككە گىدروكسى فېنىل، دىگىدروكسىل فېنىل بار، پۈتۈنلەي پىشمىغان ماڭگونىڭ تەركىبىدە ئالدېگىد كىسلاتاسى بار، بۇ ماددىلار تېرە شىللىق پەردىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا پۈتۈنلەي پىشقان ماڭگونى يېگۈزۈشى كېرەك، ئەگەر بالا ماڭگو بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئېغىز ئەتراپى ۋە مەڭزىدە قىزىل داغلار پەيدا بولسا، قىچىشىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

  بالىغا ماڭگو تېرە ياللۇغى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولسا، بۇ بالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ماڭگو يېسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ماڭگو تېرە ياللۇغى ماھىيەتتە بىر خىل ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ماڭگو يېگۈزۈشتە، ئاۋۋال شۆپىكىنى سويۇۋېتىپ، پارچە-پارچە قىلىپ يېگۈزسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ماڭگو شىرنىسىنىڭ تېرە بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىپ، رېئاكسىيە قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر تېرە ماڭگو بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشسا ۋاقتىدا پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىش كېرەك. تۇنجى قېتىم ماڭگو يېمەكچى بولغان بالىلارنىڭ تېرىسىنى ماڭگو بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتىن ساقلىنىشتىن باشقا، مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك، ماڭگو يەپ نەچچە كۈنگىچە بالىدا رېئاكسىيە ئالامىتى كۆرۈلدىمۇ-يوق، ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى