تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

پالۋانلار كوماندىسى NBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسىنى يەڭدى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2017~2018-مۇسابىقە پەسلىلىك NBA ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە پالۋانلار كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 102 گە قارشى 110 نەتىجىدە چەۋەندازلار كوماندىسىنى يېڭىپ، 0 گە قارشى 3 ئومۇمىي نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

  سانلىق مەلۇمات جەھەتتە: پالۋانلار كوماندىسىدىن دۇرانت 43 نومۇر، گاردىن قايتقان 13 توپ ئېلىپ، يەتتە قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، كۇررى 11 نومۇر، گاردىن قايتقان 5 توپ ئېلىپ، 5 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، تومپسون 10 نومۇر، مېكگې 10 نومۇر ئالدى. چەۋەندازلار كوماندىسىدىن جامېس 33 نومۇر، گاردىن قايتقان 10 توپ ئېلىپ، 11 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، سمىس 13 نومۇر، لوۋې 20 نومۇر، گاردىن قايتقان 13 توپ، خۇد 15 نومۇر ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى