تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن چۇقۇقنى داۋالىتىش كېرەك

چىڭخۇا داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چىڭخۇا چاڭگېڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوكتورى  خو دوڭفاڭ

  نۇرغۇن چۇقۇق بىمارلىرى كېسەل بولغىنىغا نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاغرىمىغانلىقى ھەم قىچىشمىغانلىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆزىتىپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما بالىلىق بولۇشنى ئويلاۋاتقان ئايال چۇقۇق بىمارلىرىدا: «چۇقۇق تۇغۇتقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ-يوق؟ ئالدى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى تۇغۇتتىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئوپېراتسىيە قىلسا قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن بالا ئالسا بولىدۇ؟» دېگەندەك ھەر خىل ئەندىشە ۋە قايمۇقۇشلار بولىدۇ.

  ئاۋامنىڭ نەزەرىدە چۇقۇق بەزىدە يوقىلىپ، بەزىدە پەيدا بولىدىغان ھۈررەك، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ھۈررەك مەنبەسىنىڭ قورساق دىۋارى كەمتۈكلۈكى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. قورساق دىۋارى كەمتۈكلۈكى ۋە قورساق بوشلۇقى بېسىمىنىڭ تەۋرىنىشى سەۋەبىدىن چۇقۇق ئۆزلۈكىدىن ساقايمايدۇ، پەقەت تېخىمۇ كېڭىيىپ، قورساق قىسىمى ئاغرىش، ھەتتا ئۈچەي نىكروزلىنىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولغان، كۆزىتىپ داۋالاشنى تاللىغان %80 بىمار بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاغرىق سەۋەبىدىن ئاخىرى ئوپېراتسىيە قىلىشنى تاللىغان، شۇڭا ئوپېراتسىيەگە چىداملىقلار ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىۋېتىشى كېرەك.

  ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئايال چۇقۇق بىمارلىرىغا بالا تۇغۇشتىن ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن. ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قورساق دىۋارى كۆپۈپ، بېسىمى ئارتىپ كەتسە چۇقۇق شىددەت بىلەن كېڭىيىدۇ ھەمدە تەبىئىي تۇغۇت جەريانىدا ئاشقان قورساق بېسىمى قورساق دىۋارىغا زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىرقى قورساق بوشلۇقى ئەينىكى ئوپېراتسىيەسىدە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئاغرىق يېنىك بولىدۇ، ئەسلىگە كېلىش تېز بولىدۇ، شۇ كۈنىلا كارىۋاتتىن چۈشۈپ مېڭىشقا بولىدۇ، ئادەتتە ئۈچ ئايدىن كېيىنلا بالا ئېلىشقا تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى