1. يازدا تىراكتور چاقىغا يەلنى بەك چىڭ ئۇرماسلىق لازىم. يازدا تىراكتورنىڭ چاقىغا ئادەتتىكى يەل بېسىمىدىن %2تىن %3كىچە ئاز ئۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى يازدا تىراكتور چاقىغا يەلنى بەك چىڭ ئۇرۇۋەتكەندە، كامېر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كېڭىيىپ ئېتىلىپ كېتىپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.
2. يازدا كۈنلىرى تىراكتورغا يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرىراق دىزېل موتور سىلىقلىغۇچ مېيى ئىشلىتىش لازىم. بولۇپمۇ 11 – نومۇرلۇق ئاپتول ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى مەزگىلدە 14 – نومۇرلۇق ئاپتول ئىشلىتىش كېرەك.
3. تىراكتور مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا سۇ ساندۇقىدىكى سۇ قايناپ كەتسە، سىلىندىر ۋە سىلىندىر قاپقىقىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەماللىققا سوغۇق سۇ قۇيماي، ئاۋۋال تىراكتورنى مەشغۇلاتتىن توختىتىپ، سۈيى تەبىئىي سوۋۇغاندىن كېيىن، ئاندىن سۇ قۇيۇش لازىم.
4. تىراكتورنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسىدا سۇ چۆكمىسى ياكى لاي دۇغى پەيدا بولغان بولسا، ۋاقتىدا يۇيۇپ تازىلاش لازىم. بۇنى تازىلاشتا بىر لىتىر سۇغا 75 گىرامدىن 80 گىرامغىچە ئىشقار ۋە 25 گىرام كىرسىننى نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشقارلىق سۇ تەييارلاپ، سوۋۇتۇش سىستېمىسىغا لىق قۇيۇپ، ئاندىن موتورنى ئون سائەت مەشغۇلات قىلدۇرغاندىن كېيىن، سۇنى قويۇۋېتىپ، سۇ يولىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاش كېرەك.
5. ئاككۇمۇلياتورنى ئىشلەتكەندە ھىدروگېن ۋە ئوكسىگېن گازى پەيدا بولغاچقا، بۇ گاز يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كېڭىيىدۇ. گاز تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قالسا، ئاسانلا ئاككۇمۇلياتور پارتلاپ يېرىلىدۇ. شۇڭا، تىراكتورنىڭ ھەرقايسى قىسىم، بۆلەك ۋە زاپچاسلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ ئاككۇمۇلياتور گاز تۆشۈكچىلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
6. يازدا بولۇپمۇ تېمپېراتۇرا يۇقىرى مەزگىلدە، تىراكتورنى ئىشلەتكەندە، يۈكنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ بېسىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
ئەكبەر ئىبراھىم تەييارلىغان