خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن تۈنەش ۋە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل تۈنىگەندە بەدەن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. فىرانسىيە مودا ژۇرنىلى «فىگارو خانىم» ئۇزۇن مەزگىل تۈنەشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى، بەدەننىڭ بۇ «ساغلاملىق سىگناللىرى» غا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تۈنەشنىڭ ئاقىۋىتى ئالدى بىلەن يۈزدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كۆز ئەتراپى تېرىسىدىكى تومۇرلاردا قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى زىيادە ئاستىلاپ، قاتلاملىق ئېقىشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تومۇرلاردا مېتابولىزم كېرەكسىز چىقىرىندىلىرى زىيادە يىغىلىپ قېلىپ، كۆز قىسىمىدا پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قىلىش، كۆز ئەتراپى قارىداش ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ. بۇ تۈنەشنىڭ زىيانلىق تەرىپىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسىمى خالاس. تۈنەشنىڭ ئادەم بەدىنى ۋە چوڭ مېڭىگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ.
فىرانسىيەدىكى ئۇيقۇ كەسپى دوختۇرى سىيلۋې كىرېپېل ئادەم بەدىنىدە مېتابولىزم ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇسى كەمچىل بولغانلارنىڭ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، دېدى. يەنە بىر ئۇيقۇ كەسپى دوختۇرى يىۋېس ۋىكتور كامامى مۇنداق دېدى: قەنت چوڭ مېڭە پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى، شۇڭا ئۇيقۇسى قانچە يېتەرلىك بولمىغانلار قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ. دوختۇر سىيلۋې كىرېپېلمۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قاندا قەنت تەركىبى يۇقىرى بولسا، دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، كۈنىگە ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ Ⅱتىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن %28 يۇقىرى بولىدۇ.