تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

پارنىك تۇپرىقىنى مۇنبەتلەشتۈرۈش ئۇسۇلى

   1. پارنىك تۇپرىقىنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، ئورگانىك ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىش لازىم. پارنىك تۇپرىقى شورلىشىپ قاتتىقلاشقان بولسا، 30 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مو يەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئۆسۈملۈك كۈلى، ئۈچ – تۆت كۇب مېتىر توخۇ مايىقى، 100 كىلوگىرام ئاممونىي كاربونات، 50 كىلوگىرامدىن 75 كىلوگىرامغىچە ئۆچۈرۈلمىگەن ھاك بىلەن ئوغۇتلاش لازىم. ئادەتتە يەرنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن بىر قېتىم باستۇرۇپ سۇغىرىپ، پارنىكنى تەكشى يېپىپ، ئۇدا 25 كۈن ئاپتاپقا سېلىپ، پارنىك تېمپېراتۇرىسى 70 سېلسىيە گىرادۇستىن 80 سېلسىيە گىرادۇسقا، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى 60 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە، بىر تەرەپتىن، پارنىك تۇپرىقىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، تۇپراقتىكى ئورگانىك ئوغۇتلارنى تولۇق چىرىتكەندە، تۇپراق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

   2. چىرىندى كىسلاتا تىپىدىكى تۇپراق ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، ناترىي، خىلور قاتارلىق ئىيونلارغا نىسبەتەن سۈمۈرۈپ ئالماشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق – ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەيدۇ؛ تۇپراق يۇمشىتىش جەۋھىرىنى ئىشلەتكەندە، تۇپراقنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، تۇپراقنىڭ قايتا شورلىشىپ زىرائەتلەرگە زىيان سېلىشىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ شور باستۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە، تۇپراق يۈزىدە بىر قەۋەت نېپىز پەردە ھاسىل قىلىپ، سۇنىڭ پارلىنىشىنى چەكلەپ ۋە تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شورنى تىزگىنلەپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ سۇ ساقلىغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، تۇپراقنىڭ سۇ، ئوغۇت ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

   3.  ئورگانىك ئوغۇت بىلەن خىمىيەلىك ئوغۇتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش لازىم. يەنى ئازوت، فوسفور، كالىينى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھاك ۋە ئىشقارلىق ئوغۇتلارنى ئىشلىتىش، ئوت – چۆپ كۈلى ۋە كالتسىي، ماگنىي، فوسفورلۇق، ئىشقارلىق ئوغۇتلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، خىلور تەركىبلىك خىمىيەلىك ئوغۇتلارنى ۋە كالتسىي سۇپېر فوسفات قاتارلىق كىسلاتالىق ئوغۇتلارنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كېمەيتىش ئارقىلىق، تۇپراقنىڭ كىسلاتالىقىنى قىسمەن نېيتراللاشتۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: PH قىممىتى 5.5 تۇپراققا ھەر موسىغا 50 كىلوگىرام ھاك ئىشلىتىپ، تۇپراقنىڭ كىسلاتالىقىنى نېيتراللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

سادەتگۈل توختى، رەيھانگۈل كېرەم تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى