كىرەش (当归)، كاشىم (川芎)، چوغلۇق (芍药)، شۇدى (熟地) بولسا تۆت خىل دورىدىن قىلىنغان شورپىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى.
بۇنىڭ ئىچىدە، شۇدى ئاساسلىق دورا بولۇپ، جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كىرەش بىلەن چوغلۇق قوشۇمچە دورا بولۇپ، كىرەش قان تولۇقلاپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، چوغلۇق جىگەرنى يۇمشىتىپ مۇئەننەسلىكنى يىغىپ قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ كاشىم بولسا قاننى جانلاندۇرۇپ توسالغۇنى ئاچىدۇ.
بەدىنىمىزگە قارىتا، بۆرەك قانىلى يۈەنشۆ پەللىسى (肾经原穴، ئىچكى ئەزالاردىكى تۇغما قۇۋۋەت بېسىپ ئۆتىدىغان ۋە توختايدىغان ئورۇن) تەيشى پەللىسى (太溪穴، پۇتنىڭ يان ئىچى، ئىچكى ئوشۇق ئۇچى بىلەن ئۆكچە پەي ئارىسىدىكى ئويمان ئورۇن) نى ئۇۋۋۇلاپ بەرسە مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۈنۈمى شۇدىنى ئىستېمال قىلغانغا باراۋەر.
جىگەر قانىلى يۆەنشۆ پەللىسى تەيچۇڭ پەللىسى (太冲穴، پۇت دۈمبىسىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى تاپان سۆڭىكى تۈۋى بىرلەشكەن ئالدىنقى ئويمان جاي، يەنى تۇتقاندا تومۇرنىڭ سوقىشىنى بىلگىلى بولىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ) نى ئۇۋۋۇلاپ بەرسە جىگەر مەنپىيلىكىنى قۇۋۋەتلەپ، زاپاس قان ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ جىگەرنى يۇمشىتىدۇ، ئۈنۈمى چوغلۇق ۋە كاشىم ئىستېمال قىلغانغا باراۋەر.
شۆخەي پەللىسى (血海穴، پۇتنى تۈز سۇنۇپ ئولتۇرغاندا، تىزنىڭ يان ئىچىدە بىر ئويمان پەيدا بولىدۇ، ئويماننىڭ ئۈستىدە بىر كۆپۈپ چىققان مۇسكۇلنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى دەل شۆخەي پەللىسى) بىلەن زۇسەنلى پەللىسى (تىزنىڭ ئاستىغا جايلاشقان تۆت بارماقنى توغرىسىغا قويغاندىكى ئورۇن) نى ئۇۋۋۇلىغاندا، قاننى قۇۋەتلەپ قاننى جانلاندۇرىدۇ، ئۈنۈمى چوغلۇق ۋە كېرەش ئىستېمال قىلغانغا باراۋەر.
ھەر كۈنى تەيشى، تەيچۇڭ، زۇسەنلى پەللىسىنى ئاغرىپ، ئۇيۇشقىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5~3 مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ بەرسە، شۆخەي پەللىسىنى ئالىقان بىلەن قىزىتسا، تۆت خىل دورىدىن قىلىنغان شورپىنى ئىچكەنگە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.