تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر يەتتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

   ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر يەتتە تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

   1. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن – تېخنىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئاتاۋۇللا ئىبراھىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2015 – يىلى 11 – ئاي ۋە 2016 – يىلى 3 – ئايدا ئاتاۋۇللا ئىبراھىم باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ھەققى، قارا ئالقات تېرىقچىلىق تۈرى ھەققىنى يالغاندىن كۆپەيتىپ، جەمئىي 130 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى ئېلىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتاۋۇللا ئىبراھىم پەن – تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى كېڭەيتىشتە 90 مىڭ 400 يۈەن تاپان ھەققى ئالغان. 2018 – يىلى 4 – ئايدا ئاتاۋۇللا ئىبراھىمغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

   2. ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى تۆۋەن ئىشتاچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ئاۋۇتجان ساۋۇتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نامرات ئاھالىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆسۈملۈك قەرزنى باشقىلارغا ئۆتنە بېرىپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئېلىش مەسىلىسى. ئاۋۇتجان ساۋۇت 2017 – يىلى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەن ئىشتاچى كەنتىدىكى 11 نامرات ئائىلىنىڭ 400 مىڭ يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەشكە دائىر تولۇقلىما ئۆسۈملۈك قەرزىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي تىجارەتچىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ، ئوتتۇرىدىن 30 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان. 2018 – يىلى 4 – ئايدا ئاۋۇتجان ساۋۇتقا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ مەبلەغ قايتۇرۇۋېلىندى.

   3. جىمسار ناھىيەسى چۇەنزىگەي بازىرى گۇڭشېڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ياڭ خېڭمىڭنىڭ ئەمىن ئۆي تولۇقلىما مەبلىغىدىن تەكرار بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى. ياڭ خېڭمىڭ 2013 – يىلى ئەمىن ئۆي تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، خوتۇنىنىڭ نامىدا 33 مىڭ 500 يۈەن ئەمىن ئۆي تولۇقلىما پۇلىدىن تەكرار بەھرىمەن بولغان. ياڭ خېڭمىڭ 2015 – يىلى ئۈچ كەنت ئاھالىسىنىڭ نامىدا ئەمىن ئۆي تولۇقلىما ياردىمىنى ئىلتىماس قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 100 مىڭ 500 يۈەننى ئېلىۋېلىپ، ھەممىسىنى شەخسىي خىراجىتىگە ئىشلەتكەن. 2018 – يىلى 4 – ئايدا ياڭ خېڭمىڭگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

   4. نىلقا ناھىيەسى مىس يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى يەن شۈدۇڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. نىلقا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2016 – يىلى 3 – ئايدا مىس يېزىسىغا 50 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى بەرگەن، يەن شۈدۇڭ يالغاندىن ھال سوراش ماددىي بۇيۇملىرى تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوتتۇرىدىن 46 مىڭ 500 يۈەننى ئېلىۋېلىپ، يېزىنىڭ قۇرۇلۇش پۇلىنى تۆلەشكە، كۈتۈۋېلىش ھەققىگە ۋە كۈندىلىك چىقىمىغا ئىشلەتكەن. 2018 – يىلى 3 – ئايدا يەن شۈدۇڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   5. ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى تۆۋەنكى چوغتال كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇنىياز ئەسەتنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش مەسىلىسى. تۇنىياز ئەسەت 2016 – يىلى 10 – ئايدا تۆۋەنكى چوغتال كەنتىنىڭ نامرات ئائىلىلەرگە ھەقسىز پارقازان ئورنىتىپ بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى نامرات ئائىلە تىزىلىمىكىگە كىرگۈزۈپ، 7500 يۈەنلىك پارقازاننى ھەقسىز ئورنىتىپ بەرگەن. 2018 – يىلى 5 – ئايدا تۇنىياز ئەسەتكە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىنغان پۇل قايتۇرۇۋېلىندى.

   6. قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسى بايلا كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جېلىل قۇرباننىڭ سورتلۇق ئۇرۇق تولۇقلىمىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەسىلىسى. جېلىل قۇربان 2014 – يىلى 35 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىمزاسىنى ئويدۇرۇپ، 14 مىڭ يۈەن سورتلۇق ئۇرۇق تولۇقلىمىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. 2018 – يىلى 3 – ئايدا جېلىل قۇربانغا بىر يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىنغان پۇل قايتۇرۇۋېلىندى.

   7.  چەرچەن ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ياسىن مۇسانىڭ بۇغداي تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يالغاندىن مەلۇم قىلىش، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش مەسىلىسى. ياسىن مۇسا 2015 – يىلى باشقىلارنىڭ نامىدا 13 مو بۇغداي تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يالغاندىن مەلۇم قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 1000 يۈەن بۇغداي تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغان؛ 2017 – يىلى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا بىر كالا، ئون قوي، 80 توخۇ تەقسىملەپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ياسىن مۇسانىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىسىمۇ بار. 2018 – يىلى 1 – ئايدا ياسىن مۇساغا بىر يىل پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىنغان پۇل قايتۇرۇۋېلىندى.

   يۇقىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى يەتتە تىپىك دېلو ئىچىدە ھەم نامراتلارنى يۆلەش پۇلى ۋە ماددىي بۇيۇملىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى ئېلىۋېلىش مەسىلىسى، ھەم يالغاندىن ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش مەسىلسىمۇ بار، بۇ مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرى ئېغىر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى، جەزمەن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى جەزمەن تاماملاشقا تېگىشلىك زور سىياسىي ۋەزىپە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ئاممىۋى خىزمەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بايقالغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قەتئىي ھالدا خىيانەتچىلىك قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىش، يالغاندىن مەلۇم قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش، زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن – ئىنتىزام بويىچە جازا بېرىپ، ئىنكاسى كۈچلۈك، تەسىرى يامان بولغان چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش، بىۋاسىتە بېجىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى