تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ 2017–يىللىق مۇھىت ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىندى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى

   مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جەمئىيەتكە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017 – يىللىق مۇھىت ئەھۋالى توغرىسدا ئاخبارات››نى ئېلان قىلدى. ‹‹ئاخبارات››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى 2016 – يىلىدىكىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە ياخشىلاندى؛ دەريا – ئېقىنلارنىڭ سۇ سۈپىتى، مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەلا؛ شەھەرلەرنىڭ شاۋقۇن مۇھىت سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى؛ رادىياتسىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا چوڭراق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى.

   ‹‹ئاخبارات››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق 19 شەھەرنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى كۈن نىسبىتى ئوتتۇرىچە %69.0 كە يېتىپ، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولغان كۈن سانى 2016 – يىلىدىكىدىن 2.0 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، PM10  (سۈمۈرۈلىدىغان دانچە ماددىلار)، PM2.5 (ئۇششاق دانچىلار)، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد ۋە كاربون چالا ئوكسىدنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %14.2، %11.3، %7.1 ۋە %7.7 تۆۋەنلىدى. 19 ئاساسىي شەھەر ئىچىدە ئالتاي، چۆچەك، قاراماي شەھىرىنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى دۆلەتنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتتى. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى 241 كۈن بولۇپ، يىللىق كۈن سانىنىڭ %66.0 ىنى ئىگىلىدى.

   ‹‹ئاخبارات››تا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆلچەنگەن 78 دەريا –  ئېقىنىنىڭ 169 كەسمە يۈزى ئىچىدە Ⅲ–Ⅰخىلدىكى ئەلا سۇ سۈپىتى %98.2 نى ئىگىلىگەن بولۇپ،Ⅲ–Ⅰ خىلدىكى سۇ سۈپىتى نىسبىتى 2016 – يىلىدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، قابا دەرياسى، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق 76 دەريا – ئېقىننىڭ سۇ سۈپىتى ئەلا بولغان.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەكشۈرۈپ ئۆلچەنگەن 31 كۆل ئىچىدە Ⅲ–Ⅰخىلدىكى ئەلا سۇ سۈپىتى %71.0 نى ئىگىلىگەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆل ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ سۈپىتى بىر ئاز ياخشىلانغان.  

   ‹‹ئاخبارات››تا يەنە تۇپراق، شاۋقۇن، رادىياتسىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە تەبىئىي ئاپەت، مۇھىت ئاسراش تۈزۈم قۇرۇلۇشى، مۇھىت قانۇن ئىجراسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى.

   2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى مۇھىت ئاسراش نازارەتچىسىدىن 60 مىڭ(قېتىم)نى ئاجرىتىپ، ‹‹ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش›› شەكلى ئارقىلىق بۇلغىما مەنبەلىك كارخانىلارنى 192 مىڭ قېتىم كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇردى، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتتى.  

   ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋېن يۈبياۋ مۇنداق دېدى: 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى مۇقىم ئۆستۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھىت ئاسراش تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى