تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى قۇرۇلۇشى تۇنجى قېتىم «جەنتيەنيۇ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    15-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاممىۋى قۇرۇلۇش تېخنىلوگىيەسى بويىچە «جەنتيەنيۇ» مۇكاپاتى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ھەمدە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خەلقئارا گۇرۇھى ئالجىرىيە شەرق-غەرب يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى ئافرىقىدىكى تۇنجى «جەنتيەنيۇ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قۇرۇلۇش ھەمدە  تۇنجى چەتئەلدىكى قۇرۇلۇش تۈرىگە ئايلاندى. جۇڭگو كارخانىلىرىدىكى خىزمەتچىلەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن «ھۈنەرۋەن روھى» دىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.  

   ئالجىرىيە شەرق-غەرب يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئالجىرىيە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نەق پېرىۋوت تۈرى بولۇپ، شۇ جايدا «ئەسىر قۇرۇلۇشى»، «زۇڭتۇڭ قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالدى، بۇ تۈر ئېلىمىز شىركىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى خەلقئارا قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى بازىرىدا ئېرىشكەن ھەر قايسى تۈر قۇرۇلۇشى ئىچىدىكى يەككە تۈر توختام سوممىسى ئەڭ يۇقىرى، ئوخشاش تۈردىكى قۇرۇلۇش ئىچىدە تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، قۇرۇلۇش مۆھلىتى ئەڭ قىسقا بولغان چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئومۇمىي ھۆددىگە بېرىلگەن تۈر ھېسابلىنىدۇ.

  شەرق-غەرب يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى يەر شەكلى مۇرەككەب بولۇپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. پۈتۈن لىنىيەدە سېيرىلىپ چۈشكەن، ئېقىم ئۆرۈۋەتكەن جايلىرى %23 نى، لاتقا جىنس گېئولوگىيلىك بۆلىكى %65 نى ئىگىلىگەچكە، ياۋروپالىقلار بۇ جاينى «گېئولوگىيە ئېنژېنىرلىرىنىڭ ئاپىتى» دەپ ئاتىغان. جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىلىرى چەتئەلدىكى كىلىمات شارائىتى، ئالاقە توسالغۇسى، ئۆلچەم سىستېمىسى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق ئەھۋال ئاستىدا، تېخنىكىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چارلاش، لايىھە، قۇرۇلۇش قىلىش ھەمدە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار يېڭىلىقلارنى يارىتىپ ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۈتكۈل سەۋىيە مەملىكەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى سەۋىيەگە، قىسمەن نەتىجىلىرى خەلقئارا ئالدىن سەۋىيەگە يېتىپ، جۇڭگو ئاممىۋى قۇرۇلۇشى بويىچە «جەنتيەنيۇ» مۇكاپاتىغا باھالىنىۋاتقاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى چەت ئەل تۈرى ۋە تۇنجى ئافرىقا تۈرى بولۇپ قالدى.

   جۇڭگو ئاممىۋى قۇرۇلۇشى بويىچە «جەنتيەنيۇ» مۇكاپاتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى تېخنىكىنى ئەمەلىي قوللىنىشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەقدىرلەيدىغان مۇكاپات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى