تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارماق ئەترىتىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى دىلبەر

   مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا قاتار – قاتار ئەمىن ئۆيلەر سېلىندى، كىچىكىمىزدە چېلەك بىلەن ئۆستەڭدىن سۇ توشۇپ ئىچەتتۇق، ھازىر تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدۇق، ئىلگىرىكى پاتقاق، توپا يول ھازىرقى رەتلىك، پاكىز، ئازادە ئاسفالت يولغا ئايلاندى... تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئارقا – ئارقىدىن چىقىرىلدى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى تېزلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ ئۆيى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

   ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ھەر تەرەپتىن چىرىتىپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى ئەڭ رېئال، ئەڭ بىۋاسىتە ئېغىر خەۋپكە ئايلاندى، ئۇلارغا قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بىز سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي  پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتتى. مەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكى كادىر، مەن باشلامچىلىق بىلەن دىققىتىمنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قارىشىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئاممىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رېئال خەۋپىنى پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا پائال يېتەكلەيمەن. ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن. ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، سىياسىي ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدايمەن.

   بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى چوقۇم تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەلتۆكۈس تازىلىشىمىز كېرەك. زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتىنىمىز تېررىتورىيەسىدىكى بۇ گۈزەل چېگرا رايوننى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەققانىيەت، خەلق ۋە ئىتتىپاقلىق جەزمەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى مەغلۇپ قىلىدۇ؛ ھەرقانداق ئادەم بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى بۇزىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى