تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىكى 15 مىليون مو توغراقلىق سۇغىرىلدى

پۈتۈن ھەۋزىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى

 

   مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈش مەزگىلى، ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى چۈشۈرگە توغراقلىقىدا دەرەخ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ قالمىغانىدى، توغراقلىقنى كېسىپ ئۆتكەن دەريادا سۈپسۈزۈك سۇ دولقۇنلاپ ئېقىۋاتاتتى. پۈتۈن تارىم دەرياسى ھەۋزىسىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلگەچكە، توغراقلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئەسلىگە كەلگەنىدى.

   ـــ بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە يەكەن دەرياسى ھەۋزىسىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا 35 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردۇق، بۇ يىل تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىمىز، ـــ دېدى تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى توختى ئەخمەت.

   تارىم دەرياسى ھەۋزىسى ئۇنىۋېرسال تۈزەلگەندىن كېيىن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ، بىر مەھەل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يېشىل كارىدور قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. مۇشۇ ئاساستا، شىنجاڭ 2016 – يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ھەۋزىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشنى باشلىدى. بۇ، ئېكولوگىيەلىك سۇنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن ھەۋزىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
     
   كىلىمات ۋە كىشىلەر پائالىيىتىنىڭ تەسىرىدە، تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ بىرى بولغان يەكەن دەرياسىنىڭ ئېرىقتام كەسمە يۈزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن باشلاپ ئىككى دەريانىڭ قوشۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان 320 كىلومېتىرغا يېقىن دەريا يولىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى زور كۆلەمدىكى توغراقلىق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈك قۇرۇپ كەتكەنىدى. ھازىر دەريا سۈيى بىلەن سۇغىرىلغاندىن كېيىن، بوستانلىق قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

   شايار ناھىيەلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 2 – چارۋىچىلىق مەيدانىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قۇرۇپ كەتكەن توغراقلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇلارغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى توغراقلار دەريا سۈيىدە ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشقا باشلىغانىدى.

   ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئەشمە كۆلى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. 2017 – يىلى ئىككى شىخۇ كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىغا باراۋەر سۇ بىرلا قېتىمدا بۇ يەرگە يەتكۈزۈلدى.

   ھازىر يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى، قايدۇ دەرياسى – كۆنچى دەرياسى ۋە تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىن ئۆز ھەۋزىسىدىكى توغراقلىققا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى. سۇ بايلىقى بىرتۇتاش باشقۇرۇلۇپ، دەريا يولى تازىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك توسما ئېچىلىپ، ماشىنىلاشقان قۇدۇقلار تىندۇرۇلۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى قاتتىق كونترول قىلىندى. بۇ ئارقىلىق تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىكى 15 مىليون مو توغراقلىقنىڭ ياشاش مۇھىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى، بۇ توغراقلىق جۇڭگودىكى توغراقلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدۇ.

   2017 – يىلىغىچە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جەمئىي 7 مىليارد 15 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى. 2017 – يىلى تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن ھەۋزىدىكى نۇقتىلىق توغراقلىق رايونىغا 1 مىليارد 877 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىپ، شۇ يىللىق سۇ قويۇپ بېرىش پىلانىنى بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

   پۈتۈن جەمئىيەت توغراق ۋە مۇھىتنى قوغداشقا ئاتلاندى. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق يېزىسى كۇڭپەن كەنتىدىكى جاۋ داچىڭ قاتارلىق كىشىلەر توغراق كۆچىتى يېتىشتۈرۈشنى  مۇھىم كەسىپكە ئايلاندۇردى. ساغلام ئۆسكەن توغراق كۆچەتلىرى بۇ كەنتتىن ئاپتوموبىلغا بېسىلىپ، قاقاس تاغلارغا يەتكۈزۈلدى. ئانچە يىراق بولمىغان كورلا شەھىرىدە، سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن توغراقلار شەھەرنىڭ شىمالىدا ئېكولوگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم كۆچەت تۈرىگە ئايلىنىپ، تەبىئىي توغراقلار بىلەن بىللە بۇ زېمىنغا ئۈزلۈكسىز يېشىللىق ئاتا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى