تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چىش ئاغرىقى بەلكىم ئاشقازان-ئۈچەي تېرىغان چاتاق بولۇشى مۇمكىن

  جۇڭيى تېبابىتىدە چىش بۆرەك، ئاشقازان ۋە چوڭ ئۈچەي بىلەن بىرقەدەر زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىلىدۇ. بۆرەك ئادەم بەدىنىنىڭ تۇغما دەسمايىسى، ئاساسىي سۆڭەكتە يىلىك پەيدا بولىدۇ، چىش سۆڭەكنىڭ قالدۇقى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا چىشنىڭ ئۆسۈشى، يېتىلىشى، ئاجىزلىشىشى بۆرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتى يېتىشمىسە، چىشقىمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەي چىش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئۈستۈنكى چىش ياكى ئاستىنقى چىش يالغۇز ئاغرىسا، بۇ ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىسىدىن بولىدۇ. ئاشقازان تومۇرلىرى ئۈستۈنكى چىشتىن، چوڭ ئۈچەي تومۇرلىرى ئاستىنقى چىشتىن ئۆتىدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماسلىق، زىيادە ئاچچىق، زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئاشقازان-ئۈچەيگە ئىسسىقلىق يىغىلىۋېلىپ، چىش مىلىكىدە قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۈستۈنكى چىش ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىپ كېتىشتىن ئاغرىيدۇ، ئاستىنقى چىش چوڭ ئۈچەي تومۇرلىرى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئاغرىيدۇ.

  چىش ئاغرىغاندا پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش، ئاشقازان تومۇرلىرى، چوڭ ئۈچەي تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاغرىق ئازابىنى پەسەيتىشكە بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىدىغان پەللىلەردىن خېگۇ پەللىسى، شياگۇەن پەللىسى بار. ئەگەر ئۈستۈنكى چىش ئاغرىقى روشەن بولسا، ئاشقازان تومۇرىدىكى نېيتىڭ پەللىسىنى، ئاستىنقى چىش ئاغرىقى روشەن بولسا، جياچې پەللىسىنى ئۇۋۇلىسا بولىدۇ.

  چىشىنى كاسىلدىتىپ بەرگەندە چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەتىگەندە چىشنى كاسىلدىتىپ بەرگەندە بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈپ، بۆرەك ۋە دوۋسۇننىڭ گازلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ. چىشنى كاسىلداتقاندا شۆلگەي كۆپىيىدۇ، شۆلگەينى ئاستا-ئاستا يۇتۇۋەتسە بولىدۇ. چىشنى كاسىلدىتىشنى كۈندە داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، چىشنى مۇستەھكەملەشتۈرۈپلا قالماي، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  تاماقنى بەك تويۇنۇپ يەۋالماي، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرغاندا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ راۋان بولۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشقازان-ئۈچەينى بوش قالدۇرۇپ ئاندىن غىزالانغان ئەۋزەل، ئاشقازان-ئۈچەي راۋان بولغاندا ئاندىن يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىغا، ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. ئەكسىچە، ئاشقازان-ئۈچەيدە يېمەكلىكلەر ئارتىپ كەتسە، ھۆل ئىسسىققا ئۆزگىرىپ، چىش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە تويۇنۇپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، پەسىلگە قاراپ مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى تازىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن: تۇڭخاۋ، بەسەي، تۇرۇپ، نەشپۈت، تاۋۇز قاتارلىقلار ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى ئالىدۇ؛ پالەك، چىڭسەي، بانان، نەشپۈت قاتارلىقلار ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەت ھەيدەيدۇ، شيەنسەي، سېمىز ئوت، پەمىدۇر، ئاچچىق كاۋا قاتارلىقلار ئىسسىق قايتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى