تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

گۈلزىنات توقان: بالىلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچىمەن

مۇخبىرىمىز شى شىن

   6– ئاينىڭ 4 – كۈنى ئاقچى ناھىيەلىك 3 – يەسلىنىڭ ئالدىدا، يەسلى باشلىقى گۈلزىنات توقان ئادەتتىكىگە ئوخشاش يەسلىگە كەلگەن بالىلارنى كۈتۈۋېلىۋاتاتتى.

   ئۇ بالىلارنى ئەتىگەندە كۈتۈۋېلىپ، كەچتە ئۇزىتىپ قويۇپ، 14 يىل مابەينىدە بالىلار تەربىيەسىگە رىشتە باغلاپ، قىلچە ئۆكۈنمەي، بالىلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش›› ئۇرۇقىنى چاچتى.

   گۈلزىنات توقان 2004 – يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئارزۇسى بويىچە ئاقچى ناھىيەلىك يەسلىگە كېلىپ خىزمەتكە چۈشتى.

   گۈلزىنات توقان تۇنجى قېتىم مۇنبەرگە چىققاندا جىددىيلەشكىنىدىن ئوقۇتۇش قوراللىرىنى چېچىۋەتكەنىدى، دەرس باشلىنىپ بەش مىنۇت بولمايلا، بالىلار ۋارقىرىشىپ، يۈگۈرۈشۈپ، ئۇنى تەمتىرىتىپ قويغانىدى.

   ئەينى چاغدىكى يەسلى باشلىقى ۋاڭ شۇرۇڭ گۈلزىنات توقانغا ئوقۇتۇش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى، يەنى، دەرس ۋاقتىدا بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىيەلمىگەنلىكىنى، بالىلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بالىلار ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، بوش قالغان سىنىپ گۈلزىنات توقان بىلەن ۋاڭ شۇرۇڭنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان دەرسخانىسىغا ئايلاندى، ۋاڭ شۇرۇڭ سۆزلەش، ئۈنلۈك ئوقۇشتىن پىيانىنو چېلىش، ئۇسسۇل ئويناشقىچە، ناخشا ئېيتىش، رەسىم سىزىشتىن دەرس تەييارلاش، پىلانلاشقىچە ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللىق بالىلار تەربىيەسى تەجرىبىسىنى گۈلزىنات توقانغا بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۆگەتتى.

   گۈلزىنات توقان مۇنداق دېدى: تېز ئىلگىرىلەپ، بىر نەچچە يىلدىلا ئادەتتىكى ياش ئوقۇتقۇچىدىن كەسىپ تايانچىسىغا ئايلاندىم، بۇنى ۋاڭ شۇرۇڭ مۇئەللىمنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە تەلىم – تەربىيەسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

   پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ياخشى ئۆگەتكەن، ياخشى ياردەم قىلغان، ياخشى يېتەكلىگەندىلا، ياش ئوقۇتقۇچىلار ‹‹كۈچ ئۇلاش تايىقى››نى مەھكەم تۇتۇپ، ياخشى داۋاملاشتۇرالايدۇ. كېيىن، گۈلزىنات توقانمۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆزىنى يېتەكلىگىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى يېڭى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچى، بىز ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتسەك، بالىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

   گۈلزىنات توقان 2013 – يىلى يېڭىدىن سېلىنغان ئاقچى ناھىيەلىك 3 – يەسلىنىڭ باشلىقى بولدى.

   بۇ يەسلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، 450 بالا بار، ئۇلار تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ھەر مىللەت بالىلارنىڭ بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، گۈلزىنات توقان پۇتۇڭخۇا ئۆگىنىشنى بالىلارنىڭ ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ غىزالىنىش، ھاجەتكە چىقىش، يۈز – كۆزىنى يۇيۇش، شۇنداقلا يۈرۈش – تۇرۇش، ئوقۇش، رەسىم سىزىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈردى، بالىلار ياخشى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، پۇتۇڭخۇانىمۇ ياخشى ئۆگەندى.

   گۈلزىنات توقاننىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، 51 ياشلىق دايىرقان قاسىمنىڭ ئائىلىسى نامرات ئىدى، ئۆيى يەسلى ئەتراپىدا بولغاچقا، گۈلزىنات توقان ئۇنى دائىم يوقلاپ تۇراتتى. ‹‹گۈلزىنات توقان ماڭا، ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمغا دائىم تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ، كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ماڭا دەيدۇ، ئۇ مېنى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدۇ›› دېدى دايىرقان قاسىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

   ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئىش ئورنىدا، گۈلزىنات توقان ھەربىر كۈنىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئۆتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئاقچى ناھىيەسى ھەم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

   گۈلزىنات توقان مۇنداق دېدى: شان – شەرەپ ئۆتمۈشكە تەۋە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەتراپىمدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەر بىر تۈپ يۇمران مايسىنى ساغلام ئۆستۈرۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر بىخلاندۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى