تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىلىرى رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن يەنە نەپكە ئېرىشتى

تاموژنىدا «چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئېچىۋېتىش يېڭى شامىلى كۆتۈرۈلدى ②

   مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹نەنياتۇڭ›› خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى خادىمى يىن زىفاڭ 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئىمپورت رەسمىيىتىدىن ئۈچنى بېجىرگەندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىلىرى ئۈچۈن خۇش خەۋەر ناھايىتى كۆپ بولدى. تاموژنا بۇ قېتىم تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھالقىسىنى ئاددىيلاشتۇردى، مال ئۆتكۈزۈشنى تېزلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

   6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، تاموژنا باش مەھكىمىسى ‹‹چېگرادىن كىرگەن – چىققان ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىمۇ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ماس قەدەمدە ئەمەلدىن قالدۇردى.

    ئىگىلىنىشىچە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى ئەسلىدىكى چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىيوم – كارانتىن قىلىنىدىغان تاۋارلارغا تارقاتقان تەكشۈرۈشكە مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلىك ئىسپاتىنى كۆرسىتىدىكەن. چېگرا پىرىيوم – كارانتىن مەسئۇلىيىتى تاموژنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم – كارانتىن قىلىشتا، ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىلىرى ئەسلىدىكى چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە مەلۇم قىلىپ، ئارقىدىن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ئېلىپ، ئاندىن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە يوللايدىكەن، تاموژنا ئەسلىدىكى چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتلىرى تارقاتقان مالنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىغا ئاساسەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىكەن. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى ماھىيەتتە ئەسلىدىكى چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئاپپاراتلىرىنىڭ تاموژنا خىزمىتى بويىچە ئالاقىلىشىشتە ئىشلىتىدىغان كەسپىي تالون ئىسپاتى ئىكەن.

   ھازىر كارخانىلار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، ‹‹ئالاقە تورى + تاموژنا›› ۋە خەلقئارا سودا ‹‹يەككە كۆزنىكى››دىكى تاموژنىغا – تەكشۈرۈشكە يوللاش سۇپىسىدا تاموژنىغا – تەكشۈرۈشكە يوللاش سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزۈپ، تاموژنىغا بىرلا قېتىم مەلۇم قىلسا بولىدىكەن، ئەسلىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى ۋە رەت نومۇرىنى قايتا تولدۇرمىسىمۇ بولىدىكەن، مەلۇم قىلغاندا، تەكشۈرۈشكە يوللايدىغان ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات سانلىق مەلۇماتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەت نومۇرىنى تولدۇرسىلا بولىدىكەن، يەككە كۆزنەك بۇنىڭغا ئاساسەن پىرىيوم – كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات سانلىق مەلۇماتى بىلەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى ئاپتوماتىك باغلايدىكەن.

   يىن زىفاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىلىرىمىز رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى. خەلقئارا سودا ‹‹يەككە كۆزنىكى››نى قوللىنىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق سىياسەت – تەدبىرلەر ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى.

   سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلى مەملىكەت بويىچە تاموژنىلار 78 مىليون 140 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونىنى بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىغا چېتىلىدىغان تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى 7 مىليون 930 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىنغان تالون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %10.15 ىنى ئىگىلىگەن.

   ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈي شىنپىڭ مۇنداق دېدى: تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش تاموژنىنىڭ تاموژنىغا – تەكشۈرۈشكە يوللاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى. تاموژنىغا – تەكشۈرۈشكە يوللاش بىرلەشتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىگە سېلىشتۇرغاندا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ مەلۇم قىلىشى ئاددىيلىشىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسى قىسقىراپ، مالنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشى تېزلىشىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشى قولايلىشىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخى تۆۋەنلەپ، كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ھەقىقىي ئۆسكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى