6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسى ئىگەرچى كەنتىدىكى روزىتوختى روزى بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى تاجىنسا ئىمىن گۈلقەنت ياسىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: خوتەن قىزىلگۈلى يەنە ئېچىلىش مەزگىلىگە كىردى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە تېرىلغان قىزىلگۈللەر بەس – بەستە ئېچىلدى، قۇملۇقتىكى بوستانلىقنى قىزىلگۈل ھىدى قاپلىدى. خوتەن قىزىلگۈلى خوتەننىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزىلگۈل ۋە ئۇنىڭدىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار شۇ جايدىكى ئاممىغا گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلدى.