تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار بەدىنىدىكى بۇ پەللىلەرنى ئۇۋۇلاپ بەرسە تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ (1)

  ئاياللار دائىم تۆۋەندىكى تۆت پەللىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، بەدىنىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ، ئاياللارنى ھەقىقىي تەبىئىي گۈزەل قىلىدىغان ئۇسۇلنى چۈشەندۈردى.

  تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس: بېيجىڭ جۇڭگوچە تېبابەت دورىگەرلىك داشۆسى يىڭنە سانچىپ ئۇۋۇلاپ داۋالاش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چىڭ كەي. تۆت خىل دورىدىن قىلىنغان شورپا (ئەنئەنىۋى دورىلىق غىزا. كىرەش، كاشىم، چوغلۇق، شۇدىدىن ئىبارەت تۆت خىل دورا ماتېرىياللىرى ئاساسىي خام ئەشيا قىلىنىپ قاينىتىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان قان تولۇقلاش دورىسى) جۇڭگو تېبابىتى كىلىنكىسىدا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، ئاياللار كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە شىپا قىلىدىغان، قان تولۇقلاش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى تەڭشەش، ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە دورا.

  ئاياللارنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك بەدەندە ئاسانلا قان زەئىپلىك ۋە قان ئۇيۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

  قان زەئىپلىشىش دېگىنىمىز بەدەنگە قان يېتىشمەسلىك ياكى بەدەننىڭ قان يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە چىراي تاتىرىش، سارغىيىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، قول-پۇت ئۇيۇشۇش، تېرە قۇرغاقلىشىش، لەۋ تاتراڭغۇ بولۇش، باش قېيىپ كۆز تورلىشىش، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش، زېھنىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قان ئۇيۇپ قېلىش بولسا قاننىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشى راۋان بولماسلىق ۋە قان ئۇيۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە تومۇردىن ئايرىلغان قان ۋاقتىدا تارقالمىسا ياكى بىر جايغا يىغىلىپ قالسا ۋە ياكى قاننىڭ ئېقىشى راۋان بولماي توسالغۇغا ئۇچرىسا، تومۇردا ياكى ئەزالاردا قان ئۇيۇپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى