شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، تاموژنا باش مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «چېگرىدىن كىرگەن، چىققان ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى» دېيىلىدۇ) نى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى تاموژنىسىمۇ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ماس قەدەمدە بىكار قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ھالقىسىدا كارخانىلار «ئالاقە تورى+تاموژنا»، شۇنداقلا «يەككە كۆزنەك» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەكشۈرۈشكە مەلۇم قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن بەتتە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى مەلۇم قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تاموژنىغا بىرلا قېتىم مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاموژنىنىڭ مەلۇم قىلىش تۈرى بىرلەشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، كارخانىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە، ئىمپورت قىلىنغان قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلىدىغان تاۋارلارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا يول قويىدۇ.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە تاموژنىدا قوبۇل قىلىنغان چېگرىدىن كىرگەن-چىققان ماللار ئىچىدە، تەخمىنەن %10 تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونى تاموژنا مەلۇم قىلىش تالونىغا چېتىلغان. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تالونىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلغاندىن كېيىن، تاموژنا-كارانتىن قىلىش كەسپى تېخىمۇ تولۇق يۇغۇرۇلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، چېگرىدىن كىرگەن ۋە چىققانلار ماللارنىڭ تەخمىنەن %10 تىن ئارتۇق تاموژنا مەلۇم قىلىش تالونى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدىكەن، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ھالقىسى ئازايتىلىپ، تاۋارلارنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلىدىكەن.