تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇۋاپىق بولمىغان پارتا- ئورۇندۇق ئوقۇغۇچىلاردا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  

    يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەركىزى « -2017 يىلىدىكى بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى تەكشۈرۈش دوكلاتى » نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل تاراتقۇ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش، سىنىپتىكى ئۆلچەمسىز پارتا- ئورۇندۇقلار ئوقۇغۇچىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم خەۋپ ئامىللىرى ئىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سېڭ شياۋپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈشكە ئالتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 12مىڭ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى تەكلىپ قىلىندى،(باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا- ئانىلىرى بىلەن بىللە تولدۇرىدۇ) ئۇلارغا بالىلارنىڭ كۆز مۇھىتى، كۆز ھەرىكىتى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا دائىر سوئال – جاۋابلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، %39.7 ئوقۇغۇچى سىنىپتىكى پارتا- ئورۇندۇقىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ئاساسەن بىر مەۋسۇمدە بىر قېتىم تەڭشەيدىغانلىقىنى دوكلات قىلغان. %42.84 ئوقۇغۇچى سىنىپتىكى پارتا- ئورۇندۇقىنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئەزەلدىن تەڭشىلىپ باقمىغانلىقىنى دوكلات قىلغان، %43.41 ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا كۆپ خىل تاراتقۇ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ خىل تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ 20 مىنۇتتىن ئېشىپ، %86.82 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %79.44 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى دوكلات قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى تىپلىرى تېگىشمە تېلېۋىزور، پرويېكسىيە پەردىسى، ئېلېكترونلۇق ئاق دوسكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى، مەكتەپلەردىكى سىنىپلارنىڭ ماددى مۇھىت تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتا- ئورۇندۇقىنىڭ ئۇيغۇن كېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى ئۆگىنىش قىلىدىغان كۆز مۇھىتى يارىتىش، دالا پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك. كۈندۈزى ئۆيدە كىتاب كۆرگەندە ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا ئىمكان بار تەبىئىي يورۇقلۇققا تايىنىش، كەچتە ئۈستەل چىرىغى ياكى ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، سىنىپتا ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا كۆپ خىل تاراتقۇ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمكان بار ئازراق ئىشلىتىش، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇزۇن مەزگىل تېلېۋىزور كۆرۈش، كومپىيۇتېر ۋە يانفون ئويناشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى