تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياز پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى مېۋە - گىلاس

    

     گىلاس پىشىدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى، بۇ قېپقىزىل مېۋىنى ئېلىمىزدىكىلەرلا ئەمەس، فىرانسىيەلىكلەرمۇ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ئەمما سىز گىلاسنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ گىلاسنىڭ قانداق سورتلىرى بار؟ قانداق يېگەندە ئەڭ ياخشى بولىدۇ ؟ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ ئەمسە تۆۋەندە فرانسىيەدە چىقىدىغان ساغلاملىق ژۇرنىلى «TOPSANTE» نىڭ ياردىمىدە گىلاسنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

  1866-يىلى فىرانسىيەلىك كومپوزىتور جېن بابتىستىس كېلمېنت گىلاسقا ئاتاپ بىر ناخشا ئىجاد قىلغان، بۇ ناخشا ئىزچىل كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇمۇ فىرانسىيەلىكلەرنىڭ گىلاسنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

  فىرانسىيەدە گىلاس ئاساسلىقى ۋانتو تېغىدىن تارتىپ ۋاللېي دەريا جىلغىسىغىچە بولغان رايونلاردىن چىقىدۇ. باھار پەسلىنىڭ ئاخىرى ياز پەسلىنىڭ بېشىدا، سامىتو قاتارلىق ھەر خىل سورتلۇق گىلاسلارنىڭ ھەممىسى بازارغا چىقىدۇ. ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان گىلاس سورتلىرى بەشىنچى ئاينىڭ ئاخىرىلا بازارغا چىقىپ بولىدۇ، ئەڭ كېيىن پىشىدىغان سورتى ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى بازارغا چىقىدۇ. شۇڭا گىلاسنى ياز پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى شۇنداقلا يىلدا ئەڭ بالدۇر بازارغا چىقىدىغان مېۋە دېيىشكە بولىدۇ.

  گىلاسنىڭ مېۋە ئېتى تولۇق، تەمى تاتلىق، شىرنىشى كۆپ، ھەر بىر گىلاسنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار، بەزى سورتلارنىڭ تەمى چۈچۈك، بەزىلىرىنىڭ تاتلىق كېلىدۇ. مەيلى سىز گىلاستىن پۆرە، مېۋە تورت، مېۋە قىيامى ياكى سالات ياساڭ ئىنتايىن تەملىك ۋە تاتلىق چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيەلىكلەر گىلاسنى ئۆردەك گۆشى، كالا گۆشى ۋە ئوۋلانغان ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ گۆشىگە قوشۇمچە سەي ئورنىدا ياكى قىيام ماتېرىيالى قىلىپ يەيدۇ. يەنە بەزىلەر گىلاسنى خام سەيدىن تەييارلانغان ياكى كۆكتاتلاردىن تەييارلانغان سالاتلارغا قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  گىلاسنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول، ھەر يۈز گىرام گىلاس تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 15 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، گىلاس تەركىبىدە كاروتىن ئىنتايىن مول. گىلاس تەركىبىدىكى مول بولغان كالىينىڭ سۈيدۈكنى ھەيدەش رولى بار، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تالا ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان پولىفېنولنىڭ ھۈجەيرىلەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

  ئەمما، گىلاسنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، شۇڭا بەدىنىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلار يېمىگىنى تۈزۈك. چۈنكى يۈز گىرام گىلاس تەركىبىدە 12.7 گىرام قەنت بار. باشقا قىزىل رەڭلىك مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ كالورىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى