تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«بىز ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى»

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەيزۇللا مۇختار، چېن زەيچياۋ خەۋىرى: «چوڭ ئانا، ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۆيدە يەنە قانداق قىيىنچىلىق بار؟» يېڭىسار ناھىيەسى ساغان يېزىسى تۆۋەن تاغۋاز كەنتىلىك نامرات ئاھالە ئاينىساخان خېلىلنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى يېڭىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كادىرى شيې تاۋ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇنىڭدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى.

  ئاينىساخان كەنتتىكى نامرات ئاھالە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، ئۆتكە تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گرىپتار بولغان. قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا شيې تاۋنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن ئاينىساخاننىڭ كېسىلى خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.

  «چوڭ ئانا، بۇ، بۈگۈن سىزگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى دورا، كۈندە ئۈچ قېتىم، بىر قېتىمدا بىر تالدىن، ۋاقتىدا يېيىشنى ئۇنۇتماڭ.» شيې تاۋ سۆزلىگەچ دورىنى ئاينىساخانغا سۇندى.

  «ئوغلۇم شيې تاۋنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىغا رەھمەت، ھەر قېتىم كەلگىنىدە كېسەللىك ئەھۋالىمنى سورايدۇ، يەنە ماڭا ئالايىتەن دورا ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئوغلۇمغا رەھمەت!» ئاينىساخان دورىنى ئالغىنىدا يۈزىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.

  ئاينىساخان شيې تاۋنى ئۆز ئوغلىدىنمۇ يېقىن كۆرىدۇ. شيې تاۋ بىرىنچى قېتىم قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن باشلاپ، ھەر قېتىم يوقلاپ كەلگىنىدە تۇغقىنىغا دورا ئەكىلىپ بەردى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى ھەمدە ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئۇلارغا ياردەم بەردى.

  شيې تاۋ ئالدىنقى قېتىم يوقلاپ كەلگىنىدە ئاينىساخان ئائىلىسىدە يېڭى ئۆي سېلىنغانلىقتىن، تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئۇلانماي، ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال تۇرۇبا، جۈمەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، تۇرۇبا سۈيىنى ئۆيىگىچە تۇتاشتۇرۇپ بەردى.

  ئاينىسانخان: «ئوغلۇم شيې تاۋنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىغا رەھمەت، بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، قەلبىمىزگە ساقلاۋاتىمىز، بىز ئىناق بىر ئائىلە كىشلىرى!» دېدى.

  ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاينىساخاننىڭ كېسىلىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك داۋالاش بىلەن بىللە ئاينىساخان بىر ئائىلىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا قانداق ياردەم قىلىشمۇ شيې تاۋ دائىم ئويلايدىغان مەسىلە.

  ئاينىساخاننىڭ ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇپ، ئىقتىسادى مەنبەسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل سەۋەبلىك ئەسىلدىنلا نامرات ئائىلىنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن. بۇ نامرات ئائىلىنى قىيىنچىلىقتىن قانداق قۇتۇلدۇرۇش كېرەك؟ شيې تاۋ ئاينىساخان ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ھويلىلارنى تۈزەپ، چۈجە سېتىۋېلىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى.

  شيې تاۋ ئاينىساخاننىڭ جيەن ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئۆيدە دېھقانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن كېلىشىش ئارقىلىق، ئۇنى يېقىن ئەتراپتا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن تېزراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  شيې تاۋنىڭ نەزەرىدە ئاينىساخان ئۇنى ئۆزى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇ بۇ ئائىلىگە بۇرۇنلا سىڭىپ كىرگەن. ئۇ: «‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش› پائالىيىتى ۋاقىتلىقلا ئەمەس، ئۆمۈرلۈك. تۇغقانلار بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولغىلى بولىدۇ» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى