تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى تېز ئاشتى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگە قەدەر تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز مىقدارى 8 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 160 مىليون كۇب مېتىر ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى شىركىتى يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچەش ئارقىلىق، تەبىئىي گاز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنى بىخەتەر، تۇراقلىق گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغان.

  بۇ يىل كىرىشى بىلەن، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا ئالاھىدە بار بولغان زىيادە چوڭقۇر، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمدىن ئىبارەت ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، تارىم نېفىتلىكى شىركىتى تەبىئىي گاز ساقلاش بەلبېغىدا سىناق تەرىقىسىدە نېفىت ئېلىپ باھالاشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي گاز ئېچىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى كۈتىۋالدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى شىركىتى ئىزچىل تەبىئىي گازنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېردىكى قۇرۇلۇش دەپ قاراپ، تەبىئىي گاز ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇردى. تارىم نېفىتلىكى يەنە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم گاز مەنبەسى. ھازىر غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تەمىنات بازىرى 2004-يىلىدىكى تۆت ئۆلكە، بىر شەھەردىن 15 ئۆلكە، 120 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شەھەرلەرگە يەتكۈزۈشكە تەرەققىي قىلدى.

  ھەر بىر تەبىئىي گاز قۇدۇقىنىڭ تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش ھالقىلىرى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ تەبىئىي گاز تەمىناتى كاپالەت ئىقتىدارى ئۇدا كۈچەيدى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە، جەنۇبىي شىنجاڭنى گاز بىلەن تەمىنلەشتە 69 مىليون 850 مىڭ كۇب مېتىر يەتكۈزىدۇ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %14 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى