تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى قوبۇل قىلايلى

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى (سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى)نىڭ مۇدىرى لى گوچياڭ

  بۇ يىل ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى.

  ماركسنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇكى، ئۇ دۇنيانىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئۇلۇغ ئىش ئىلمىي سوتسىيالىزمنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئۇ بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ بارلىق نەزەرىيە ئاساسىنى سالدى ھەم بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئېنگېلس ‹‹بىزنىڭ ھازىر ئېرىشكەن بارلىق نەرسىمىز ئۇنىڭ تۆھپىسىدىن بولغان؛ ھازىرقى زامان ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۇنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؛ ئۇ بولمىغان بولسا، بىز ھازىرغىچە زۇلمەت ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن بولاتتۇق›› دەپ كۆرسەتكەن.

  ماركسىزم يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتا، ماركسىزمنى ۋە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەزەرىيەۋى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

 1.ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ۋە ئىگىلەش كېرەك

  كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل ئىدىيە تارىخىغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر ئادەم ماركسقا ئوخشاش ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان رايوندا بۇنداق مەشھۇر بولغان ئەمەس؛ ھېچقانداق بىر نەزەرىيە ۋە تەلىمات ماركسىزمغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى، مەدەنىيىتى، ھەرىكىتى ۋە پۈتكۈل ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بۇنداق چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس، ماركسىزم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى نەدىن كەلگەن؟

  بىرىنچى، ماركسىزم كىشىلەر تارىخىنىڭ ئېسىل ئىدىيەۋى نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئەڭ چوڭقۇر نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە.

  ماركسىزمنىڭ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، چاقناپ تۇرىدىغان ھەقىقەت نۇرىنى چېچىپ تۇرالىشىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئۇ پىرولېتارىيات ئىنقىلابىي ئۇستازىنىڭ كىشىلەر جەمئىيىتىدە توپلىغان مول، ئېسىل ئىدىيەۋى نەتىجىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.

  لېنىن مۇنداق دېگەن: ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ ئىنقىلابىي پىرولېتارىياتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى دۇنيادا تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئۇ پىرولېتارىيات دەۋرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلەردىن ۋاز كەچمەستىن، ئەكسىچە 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى بارلىق قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدى ۋە يېڭىلىدى. ماركسىزم كوممۇنىزمنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلىمىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈلگىسى.

  ئىككىنچى، ماركسىزم تەنقىدلەش ۋە ۋاز كېچىشتە چىڭ تۇرغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قىممەتلىك پەزىلەتكە ئىگە.

  ئەلۋەتتە، ماركس ئالدىنقىلارنىڭ ئىدىيەۋى نەتىجىلىرىنى ئاددىيلا قوبۇل قىلماستىن، بەلكى تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، جەۋھىرىنى قوبۇل قىلغان ھەم تۈپتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگەرتكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئومۇمەن كىشىلەر جەمئىيىتى ئىجاد قىلغان بارلىق نەرسىلەرنى ماركسىزم ئاساسچىلىرى پىرولېتارىيات مەيدانىنى چىقىش قىلىپ، تەنقىدىي پوزىتسىيە بىلەن تەكشۈرگەن؛ ئومۇمەن كىشىلەر ئىدىيەسىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇلار قايتىدىن مۇھاكىمە، تەنقىد قىلىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىدە سىناقتىن ئۆتكۈزگەن. مۇشۇنداق جاپالىق ئەمگەك ۋە جاپا – مۇشەققەتلىك ئىزدىنىش ئارقىلىق، ماركسىزم پەلسەپەسى، سىياسىي ئىقتىساد، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ مۇستەھكەم نەزەرىيەۋى سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

  ماركسىزم بارلىققا كەلگەن كۈندىن باشلاپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك قىممەتلىك پەزىلەتكە ئىگە بولدى. ماركسىزم بېكىنمە ھالەتتە بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن؛ توختاپ قالماستىن، تەرەققىي قىلىپ تۇرغان؛ ئۇ ئۆلۈك، دوگما بولماستىن، بەلكى ئىلمىي دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە. ئۇ ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرمىدى، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئاچتى.

  ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: ماركسنىڭ پۈتكۈل دۇنيا قارىشى دوگما ئەمەس، بەلكى مېتودولوگىيە، ئۇنىڭ تەمىنلىگىنى تەييار دوگما نەرسە بولماستىن، بەلكى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە بۇ خىل تەتقىقاتتا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. بۇ، ماركسىزمنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلالىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى.ئۈچىنچى، ماركسىزم پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تىرىشقان، ئەڭ پۇختا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە.

  ماركس ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا، ‹‹ياشلارنىڭ كەسىپ تاللاشتا ئويلايدىغانلىرى›› ناملىق ماقالە يېزىپ، كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشتەك ئالىيجاناب غايىسىنى ئىپادىلەپ، كۆپ سانلىق كىشىلەرگە بەخت يارىتىدىغان كىشىلەر ئەڭ بەختلىك كىشىلەردۇر، دەپ كۆرسەتكەن. ماركس بۇرژۇئازىيە ئىلمىنىڭ خۇسۇسىي كاپىتالنى بارلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە غەزەپلەنگەن. ئۇ بىر ئۆمۈر زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ ئەمگەكچىلەرنى بارلق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشكە قەسەم قىلغان. ئۇ دەل مۇشۇنداق ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۆمۈر بويى پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىپ، جاپاكەش ئاممىغا ئەمەلىي غەمخورلۇق قىلىشنى پۈتۈن ھاياتىغا سىڭدۈرگەن.

  ماركسنىڭ قارىشىچە، ئامما ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ سۇبيېكتى ۋە تارىخنى يارىتىدىغان ھەل قىلغۇچ كۈچ، كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئاخىرىدا ئاممىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇڭا ماركسنىڭ ئەسەرلىرىگە باشتىن – ئاخىر كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە كۈچلۈك غەمخورلۇق قىلىش ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، ماركسىزمنى ئەڭ كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلغان.

 2.جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مول نەتىجىلىرىنى تولۇق تونۇش ۋە چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، مىڭبىر جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، مىللەتنى ئازاد قىلىش، دۆلەتنى مۇستەقىل قىلىش، دۆلەتنى باي – قۇدرەتلىك قىلىش ۋە خەلقنى بېيىتىش ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، پارتىيەمىز ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى ھەم ماركسىزمنى ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەتئىي مەيدانىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن تولۇق تونۇشىمىز كېرەك.

    بىرىنچى، نەزەرىيە قاتلىمى ــــ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئىككى قېتىملىق ھالقىش.

  يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، كونا جۇڭگودىن ئىبارەت ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى ناھايىتى ئارقىدا قالغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتتە ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورناتتى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى ئىجادىي تەرەققىياتى ۋە قوللىنىلىشى، شۇنداقلا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى.

  يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىجابىي، سەلبىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ‹‹ئۆز يولىدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش››تىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ‹‹سوتسىيالىزم دېگەن نېمە؟ سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟›› دېگەن بۇ تۈپ مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۇنجى قېتىم نىسبەتەن سىستېمىلىق ئىزدىنىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش، سوتسىيالىزمنى قانداق مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تۈپ مەسىلىلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە جاۋاب بېرىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، بۇ نەزەرىيە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماركسىزم نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىر قاتار يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر بارلىققا كەلدى، بۇ، پارتىيەمىزدىن نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشقا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى دەۋر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مۇھىم يېڭى تېمىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ھالقىش بولۇپ، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى، شۇڭا ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

   ئىككىنچى، ئەمەلىيەت قاتلىمى ــــ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ‹‹ئۈچ چوڭ تارىخىي تۆھپىسى››.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 97 يىلغا يېقىن پۈتكۈل كۈرەش تارىخىنى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىشتا مۇناسىپ ئۈچ چوڭ تارىخىي تۆھپە قوشقان تارىخ، دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ بىرىنچى ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسى شۇكى، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ ئىككىنچى ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسى شۇكى، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئۈچىنچى ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسى شۇكى، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورناتتى. پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. پارتىيەمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەب، تەجرىبە ناھايىتى مول، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باشتىن – ئاخىر ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى قىلغانلىقىدا.

 3.ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش كېرەك

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور ئىجادىي تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ئۇ 21 – ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى. ئۇ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودىكى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقان بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، رېئاللىق بىلەن، دەۋر بىلەن، خەلق بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇلدى. يېڭى دەۋردە، تارىخ لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسى ۋە نەزەرىيە لوگىكىسى جەھەتتە ‹‹تۆت ئۇلۇغ››نى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۇش كېرەك.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قىيىنچىلىقنى يېڭىش كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ، ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. يېڭى دەۋردە، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى بىر قاتار زور خىرىس، زور خەۋپ – خەتەر ۋە زور زىددىيەتلەر ئالدىدا، ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىمىزنى كۈچەيتىپ ۋە كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ماركسىزملىق دۇنيا قاراشنى تىرەك قىلىدىغان، ماركسىزملىق مېتودولوگىيە ئارقىلىق كونا ئىدىيەنى بۇزۇپ تاشلايدىغان، قاتمال زىددىيەت، مەنپەئەت توسۇقىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىپ، ماركسىزملىق پارتىيە ــــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. سىياسىي جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تەشكىلىي جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەمنى مەركەز قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى تەشكىللەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىنى تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تۈزۈم جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە زەربە بېرىپ، نازارەتچىلىكنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇرۇس، ھەيۋەتلىك ئوبرازىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇلۇغ قۇرۇلۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى ۋە ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۇش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى. يېڭى دەۋردە، ئۇلۇغ ئىشقا تۈرتكە بولۇش دېگەنلىك يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش دېگەنلىكتۇر. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىدۇ؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، يېڭىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرىكەت پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيىتى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيانى جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭماي، ھەم بايراقنى ئۆزگەرتىدىغان تۇيۇق يولدا ماڭماي، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنى بېيىتىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىش، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، سوتسىيالىزم جۇڭگودا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. يېڭى دەۋردە ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك قەدىمىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. يېڭى دەۋردە تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى باسقۇچلۇق قىيىن مەسىلە، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ رېئال ئىنتىلىش، شۇنداقلا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ قىممەت يۆنىلىشى. يېڭى تارىخىي ئورۇندا، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەدىمىزگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ شۇنداقلا پەيتنى پەملەپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى خەلق ئېتىقادلىق، مىللەت ئۈمىدۋار، دۆلەت كۈچلۈك بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىدە ئارزۇسى بولۇش، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئارقىلىق ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  200 يىل مابەينىدە سانسىز ئىزم بارلىققا كەلدى ھەم سانسىز ئىزم يوقالدى. ماركسىزم ئۆزىنىڭ ئىلمىيلىكى ئارقىلىق كۆزنى چاقنىتىدىغان ھەقىقەت نۇرىنى چاچماقتا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراق ماڭغاندىمۇ، ھەرقانچە يارقىن كەلگۈسىگە ئۇلاشقاندىمۇ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

  يېڭى دەۋرنىڭ تارىخىي ئورنىدا، بىز ھەربىر پارتىيەلىك كادىر ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلىشىمىزنى ھەرگىزمۇ خاتىرىلەش ئۈچۈنلا خاتىرىلەش ئەمەس، بىر خىل مۇراسىممۇ ئەمەس ياكى بىر خىل شەكىل ئەمەس، دەپ قاراپ، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن، روھىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن يىلتىزنى، تارىخىي مەنبەنى تېپىپ، پارتىيەۋىلىكىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىمىز ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  ماركس تۇغۇلغانلىقىغا 200 يىل بولغان ئالاھىدە مەزگىلدە، ماركسىزمنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىكى نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزمدىن ۋە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش نەزەرىيەۋى نەتىجىسىدىن ئەقىل – پاراسەت، كۈچ – قۇۋۋەت ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى