تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەن–تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكىدۇر.

  ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى››. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش، دۇنيادىكى پەن – تېخنىكىدا قۇدرەت تاپقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.

  پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى كۈچەيتكەندىلا، پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قۇدرەتلىك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشى، تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قۇدرەتلىك پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشتا، چوقۇم پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى، پەن – تېخنىكىنى باشقۇرۇش قانۇنىيىتى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور تۈرلەرنى، ئىلغار تېخنىكىنى، ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى ھەممە بىر مەقسەتتە دۇنيا بويىچە پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى. دۇنيا بويىچە پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا بولغان ئىستراتېگىيەلىك قوللىشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا پەن – تېخنىكا رىقابىتىدە پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، ئالدىنقى ساھەدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە، بارلىق پەن – تېخنىكا خادىملىرىغا ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تارماقلار، ئورۇنلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ قوزغاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلاپ، ئىختىساسلىقلارنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆتكۈر كۆزى، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيىتى، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتەلەيدىغان جاسارەت ۋە پاراسىتى، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىيجانابلىقى، ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان ياخشى چارىسى بىلەن مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى دادىل ئىشلىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەم ياخشى رەھبەر، ھەم مۇتەخەسسىس بولۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. پەن تەتقىقات قانۇنىيىتىگە، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش قانۇنىيىتىگە، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، پەن – تېخنىكا خادىملىرى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغانلا بولساق، دۇنيا بويىچە پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى