تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىككىنچى يۇرتىغا چىن قەلبىدىن تۆھپە قوشۇش

  ــــ بېيجىڭلىق ئەر–خوتۇننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خاتىرىسى (2)

  مۇخبىرىمىز لۇ يەن

  خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش جاڭ رۈي ئەر – خوتۇننىڭ ئۆكۈنمەس تاللىشى.

  خوتەندىن ئىبارەت بۇ زېمىن جاڭ رۈي ئەر – خوتۇننىڭ قەلبىدە ئاللىبۇرۇن ئۇلارنىڭ ئىككىنچى يۇرتىغا ئايلانغان.

  ‹‹چىن ھېسسىياتنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ››

  5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى جاڭ رۈيگە ئەگىشىپ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى يېڭىيول كەنتىگە كەلدىم، مېۋىلىك دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي جاڭ رۈينىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قولىنى چىڭ سىقتى، جاڭ رۈي خۇشال بولۇپ: ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ دەپ ئەھۋال سورىدى، ئىككىيلەن خېلىغىچە قوللىرىنى قويۇۋەتمىدى، ئەتراپتىكىلەر ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەتتىن تەسىرلەندى.

  جاڭ رۈي دېمىنىمۇ ئالماي، تۇغقىنى ئېزىز ماخمۇتنىڭ ئۆيىگە سەپسېلىشقا باشلىدى، ئۇ ياڭاق دەرىخىنىڭ زىيادە ئېگىز ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، تۇغقىنىغا: ياڭاق دەرىخى بەك ئېگىز ئۆسۈپ كەتسە، ھوسۇلغا تەسىر يېتىدۇ، دەرەخنىڭ شېخى يېيىلىپ تۇرسا، ئاندىن كۆپ مېۋە بېرىدۇ، دېدى. جاڭ رۈي تۇغقىنىنىڭ قوي باقمىچىلىقى كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئويى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ جاڭ رۈينىڭ ئېزىز ماخمۇت بىلەن 2 – قېتىم كۆرۈشۈشى ئىدى، ئۇلار بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، جاڭ رۈي ئۇلاردىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنىدى. شۇ قېتىم جاڭ رۈي ئەر – خوتۇن ئېزىز ماخمۇتنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە يېرىم كېچە بولغانىدى، تۇغقىنى ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 9دىلا مەززىلىك پولۇنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ كەلدى. جاڭ رۈي تۇغقىنىنىڭ سەمىمىيلىكىدىن، ئاق كۆڭۈللۈكىدىن بەكمۇ تەسىرلەندى. جاڭ رۈي خوتەنگە كەلگەندىن بۇيان ئۈچ كىشى بىلەن تۇغقانلاشتى، ئۇنىڭ باشقا ئىككى تۇغقىنى خوتەن شەھىرىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىيە ناھىيەسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسى خاداتىكەن كەنتىدە ئىدى.جاڭ رۈي دائىم خوتۇنى خاۋ ۋاڭخۇڭغا خوتەن ۋە خوتەندىكى تۇغقىنى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق ئۇرغۇپ تۇراتتى. 2017 – يىلى 7 – ئايدا خاۋ ۋاڭخۇڭ خوتەنگە ئېرىنى يوقلاپ كەلگەندە، جاڭ رۈي ئالدىراشلىقتىن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولالمىدى. خاۋ ۋاڭخۇڭ ئېرىگە: ئىشىڭىزغا بېرىۋېرىڭ، ماڭا ھەمراھ بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما نىيە ناھىيەسىدىكى تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىڭ، دېدى.

  شۇنداق قىلىپ ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن تۇغقىنىغا تەييارلىغان چوڭ – كىچىك سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ، ئالتە سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ نىيە ناھىيەسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسى خاداتىكەن كەنتىگە باردى. ئىككى ئائىلىلىك تۇغقىنى ئۇلارنىڭ كېلىدىغىنىنى ئاڭلاپ بالدۇرلا ساقلاپ تۇرغانىدى.

  ئۇلار ئالدى بىلەن ئابدۇباقى نۇرنىڭ ئۆيىگە باردى، ئابدۇباقى نۇر جاڭ رۈينى چىڭ قولتۇقلىۋالدى. ساھىبخان ئوخشىغان پولۇنى قولى بىلەن ئېلىپ قىزغىنلىق بىلەن جاڭ رۈيگە تەڭلىدى، جاڭ رۈي ئىككىلەنمەيلا ئېغىزىغا سالدى. خوتەنلىك دېھقاننىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن خاۋ ۋاڭخۇڭ بۇ كۆرۈنۈشتىن تولىمۇ تەسىرلەندى، ئېرى جاڭ رۈينى تېخىمۇ چۈشەندى. بېيجىڭدەك چوڭ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خاۋ ۋاڭخۇڭمۇ ئوخشاشلا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ قويۇق كەيپىياتىغا تېزلا سىڭىپ كەتتى.

  ئۇلار ئابدۇباقى نۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، قوشماقلاشقان يەنە بىر تۇغقىنى، بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە مايمۇنخان تۆمۈرنىڭ ئۆيىگە كەلدى، مايمۇنخان تۆمۈر ئۆز قولى بىلەن كەشتىلىگەن ئىككى كەشتىنى ئۇلارغا سۇنۇپ تۇرۇپ: سىلەرنى كېلەرمىكىن، دەپ ئويلىغانىدىم، دېدى. مايمۇنخاننىڭ كۆزى ياخشى كۆرمەيتتى، بۇ كەشتىلەرگە ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى سىڭگەنىدى.

  ئۇلار بۇ ئىككى كەشتىنى قىممەتلىك خاتىرە بۇيۇمى قاتارىدا ئىزچىل ساقلاپ كەلدى.

  بۇلتۇر 12 – ئايدا جاڭ رۈي ئەر – خوتۇن يەنە بىر قېتىم ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، قار – شىۋىرغانغا قارىماي نىيە ناھىيەسىگە بېرىپ ئىككى تۇغقىنىنى يوقلىدى. ئۇلار ئايرىلغىنىغا ئۇزاق بولغان تۇغقانلاردەك خۇشال – خۇرام جەم بولۇشتى. جاڭ رۈي ئەر – خوتۇن بالىلارغا بىر يەشىك كىتاب، سومكا ۋە پەلەي ئېلىپ كەلگەنىدى، ئۇلار يەنە گۆش، ئۇن، بەسەي، پىياز، زەنجىۋىل سېتىۋېلىپ، تۇغقانلىرىغا ‹‹بېيجىڭ تۈگرىسى›› تۈگۈپ بەردى. تۇغقانلار مەززىلىك تۈگرىنى يەپ، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن بۇ ئەر – خوتۇننىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى.

  جاڭ رۈي: تۇغقانلار ھەرۋاقىت بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى. قىلغانلىرىمىزنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، ئۇلار بىزگە پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان كۆپ نەرسىنى بەردى، دېدى.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارغا ۋاقىتنىڭ تەخىرسىزلىكىنى، بۇرچنىڭ مۇھىملىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلدۇردى.

  جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: چىن قەلبىمىزدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلدۇق، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق! بىز بۇ يەردە بىر – بىرىمىزنى قېرىنداشلارچە قىزغىن سۆيىمىز، بىزنىڭ ئۇلارنى نامراتلىقتىن ئورتاق قۇتۇلۇش، ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار.

  ‹‹بۇ يەردە بىز سۆيۈپ قانمايدىغان كىشىلەر بار››

  54 ياشلىق خاۋ ۋاڭخۇڭمۇ ئېرىگە ئوخشاشلا بۇ زېمىندىكى كىشىلەردىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنىدى. ئۇ خوتەننىڭ پېنسىيەگە چىققان خادىملارنى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى.

  شۇنداق قىلىپ، خاۋ ۋاڭخۇڭ بۇلتۇر 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خوتەنگە كېلىپ، جىڭدۇ يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندى.

  خاۋ ۋاڭخۇڭنىڭ ئويى ناھايىتى ئاددىي ئىدى: ئۇنىڭ ئېرى نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىۋاتسا، ئۇ قانداقمۇ ئۆزى يالغۇز شەھەر تۇرمۇشىدىن بەھرىلىنىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەخىرامان كۈن ئۆتكۈزسۇن؟ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم ۋەتەننىڭ گۈل – غۇنچىلىرىنى تەربىيەلەشكە تۆھپە قوشىدىغان، ھەم ئېرىگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىشنى نېمىشقا قىلمىسۇن؟

  خاۋ ۋاڭخۇڭ جىڭدۇ يەسلىسىگە كېلىپ، شوخلۇقىدىن قىن – قىنىغا پاتماي قالغان بالىلارنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ توغرا قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى. مۇلازىمەت ساھەسىدە نەچچە ئون يىل ئىشلىگەن خاۋ ۋاڭخۇڭ گەرچە يەسلى تەربىيەسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان بولسىمۇ، زېھنى ئۆتكۈر، قولى ئەپلىك، ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر، مېھرىبان بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا بالىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇ بالىلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى يۇيۇپ، تۈگمىلىرىنى قاداپ بېرەتتى، بالىلارغا قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىتەتتى، كىلاسسىك شېئىرلارنى يادلىتاتتى، ‹‹جۇڭگو گۇمپىسى›› ئويناپ بېرەتتى؛ بالىلار يالغۇزلۇق ھېس قىلسا، ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ تەسەللى بېرەتتى. بېيجىڭدىن كەلگەن ‹‹خاۋ موما››نىڭ نامى بارا – بارا ئەتراپقا تارقىلىپ، نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنى مۇشۇ يەسلىدە ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى.

  مەن 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى خاۋ ۋاڭخۇڭ بىلەن بىللە جىڭدۇ يەسلىسىگە بارغىنىمدا، بىر كىچىك قىزچاقنىڭ خاۋ ۋاڭخۇڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، مەڭزىگە سۆيۈپ، قۇچىقىدىن چۈشۈشكە ئۇنىماي تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆردۈم.

  رەھىمە ئابلەت ئىسىملىك بۇ قىزچاق يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى، شۇنداقلا مېھرىبان ئانا خاۋ ۋاڭخۇڭنىڭ يەسلىدىكى تۇغقىنى ئىدى.

  رەھىمەنىڭ ئاتا – ئانىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، يەنە كېلىپ ئوغلى يېڭىلا تۇغۇلۇپ، رەھىمەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا يېتىشەلمەي قالغانىدى، رەھىمە جاڭ رۈي ئەر – خوتۇننىڭ جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان يۈرەك پارىسىگە ئايلاندى.

  خاۋ ۋاڭخۇڭ ھەمىشە جاڭ رۈينىڭ: باشلامچى رايوندىكى نوتىلار خۇددى بالامغا ئوخشايدۇ، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايدۇ، دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ھازىر خاۋ ۋاڭخۇڭمۇ يەسلىدىكى بالىلارنى ئۆزىنىڭ نەۋرىسى ئورنىدا كۆرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ.

  يەسلى تېمىدىكى رەڭگارەڭ زىننەت بۇيۇملىرى ۋە رەسىملەرنى خاۋ ۋاڭخۇڭ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىللە تەييارلىغان. خاۋ ۋاڭخۇڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدىغان يەسلى ئوقۇتقۇچىسى لى جۈەن مۇنداق دېدى: خاۋ ئاچام بالىلارغا ناھايىتى سەۋرچان، بەزى بالىلار ئىشتىنىغا سىيىپ قويسا، ئۇ يۇيۇپ ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ؛ بەزى بالىلار قارغىشلىق قىلسا، سەۋرچانلىق بىلەن ئەركىلىتىدۇ. يەسلىدە قوشۇمچە ئوقۇشلۇقلار كەمچىل بولغاچقا، خاۋ ئاچام بىلەن ئېرى بېيجىڭدىكى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ نۇرغۇن كىتاب ئىئانە قىلدى.

  خاۋ ۋاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلمىگەن بولسام، ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تۆھپە يارىتىش پۇرسىتىگە، بۇنچە كۆپ قىممەتلىك مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم.

  2017 – يىلى 11 – ئايدا خاۋ ۋاڭخۇڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئالبوم سوۋغا قىلدى، ئالبومنىڭ ھەر بىر بېتى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سەمىمىي تىلەكلىرى بىلەن تولغانىدى: ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز بىلەن دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل؛ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئىش سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىز، سىز بولغاچقا ھەممە گۈزەل.‹‹ئەسلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر يىل ئىشلەپلا، بېيجىڭغا قايتىپ ئوغلۇمنىڭ توي ئىشىغا ياردەملەشمەكچى بولغانىدىم، ئەمدى ياردەملىشەلمەيدىغان بولدۇم›› خاۋ ۋاڭخۇڭ شىنجاڭدا قېلىپ، ئېرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ شىنجاڭغا داۋاملىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قارار قىلغانىدى.

  جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: بۇ يەردە بىز سۆيۈپ قانمايدىغان كىشىلەر، ئۆز قولىمىز بىلەن تىككەن ئۈزۈم، گىلاسلار بار. خوتەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدىغان ئىككىنچى يۇرتىمىز.

    جاڭ رۈي بىلەن خاۋ ۋاڭخۇڭ ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتى، چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولىدا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، كۈنلىرىنى ئالدىراشلىق ۋە خۇشاللىق ئىلكىدە پۇشايمانسىز ئۆتكۈزمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى