تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   مودا-ئېقىم

فىلىم «ھاجەتخانا قەھرىمانى»

  «چىلىشىلى !دادا»، «سىرلىق چولپان»، «باش پەللە»دىن كېيىن، يەنە بىر ھىندىستان فىلىمى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىدا بولىدىغان بولدى، شىرى ناراۋان سىنچى رېژىسورلۇق قىلغان، ئېككې كۇمار، پۇمى پېدېكار باش رول ئالغان، رېئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھىندىستان كىنوسى «ھاجەتخانا قەھرىمانى» 6-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي قويۇلىدىغان بولدى، «ھاجەتخانا بولمىسا، توي بولمايدۇ» نۇسخىسىدىكى تەشۋىقات سۈرىتىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ فىلىم  2018 بېيجىڭ  خەلقئارا  كىنو بايرىمىدا قويۇلغان بولۇپ، «بىر ھاجەتخانا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجرىشىش كىرزىسى»نى چۆرىدىگەن ھالدا ھىندىستان كىنوسىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. فىلىمنىڭ چەت ئەلدە قۇيۇلغان نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان، «ھاجەتخانا بولمىسا،  توي بولمايدۇ»دىن ئىبارەت ئورتاق كۆز قاراشقا ئىگە ئاياللار ھوقۇقى تېمىسى  ھىندىستان خەلقىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلانغان، ھەتتا ب د ت نىڭ دېققىتىنى قوزغىغان، بىل گاتېس تەرىپىدىن «يىللىق ئون چوڭ كىشىنىڭ قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان كىنو»غا سايلانغان.

  ئۆزگىچە ئاجرىشىش «ھاجەتخانا بولمىسا، توي بولمايدۇ».

  «ھاجەتخانا قەھرىمانى» رېئاللىقتىكى ھەقىقىي ۋەقەدىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، كىنودا يېڭى كېلىنچەك جياي توي قىلىپ ھىندىستاننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ھاجەتخانىسى يوق بىر ئۆيگە بارغان بولۇپ، ھاجەت قىلىش قىيىن مەسىلىسىگە  دۇچ كەلگەن، جياينىڭ يولدىشى كېشاۋ  ھەر خىل ئاماللارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان، مەسىلەن، ئوغۇرلۇقچە باشقىلارنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرىش، پويىزنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرىش ھەتتا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئوغۇرلاش. بىر ھاجەتخانىغا ئېرىشىش، ھەتتا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس بولغان، ئامالسىز قالغان كېلىنچەك ئاخىرى «ھاجەتخانا بولمىسا ئاجىرىشمىز» دەپ تۇرىۋالغان. بۇ ئىش ئاياللارنىڭ ھاجەتخانىغا ئېھتىياجى بولۇش ئىنقىلابىنى قوزغاپ، 600 مىليون ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى سۆزلەنگەن.

  بىر ھاجەتخانا 600 مىليون ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

  ئادەتتىكى كۆرۈرمەنلەر بەلكىم بىر ھاجەتخانىنىڭ ئىككى ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا بۇنچىۋالا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ھىندىستاندا، ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى خار كۆرىغان ئىدىيە يەنىلا مەۋجۇت بولغاچقا، 600 مىليون ئايال كېچىسى چۇقۇم دالىغا چىقىپ ھاجەت قىلىشتەك قىيىم مەسىلىگە دۇچار بولغان، فىلىم ئىشلىگۈچى راچېل پاندېي: «ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە %30 ئەتراپىدىكى ئائىلىدە ھاجەتخانا بولماسلىق، بۇ خىل ئەھۋال يېزىلاردا تېخىمۇ ئېغىر، ئاياللار چۇقۇم كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ئېتىزلىققا بېرىپ ھاجەت قىلىشى ياكى كۈن چىققىچە چىداپ تۇرۇشى كېرەك، كىنو بۇ ئادەت ئارقىلىق ھىندىستاندىكى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي  ئورنىنى ئېچىپ بەرگەن.» دېگەن.

 فىلىم ب د ت ۋە بىل گاتېسنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  فىلىم ھىندىستاندا قويۇلغاندا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى---«ھاجەتخانا بولمىسا-توي بولمايدۇ» ھىندىستان خەلقىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. فىلىمنىڭ ئاساسلىق ئىجادكارلىرى تونۇشتۇرۇپ: «فىلىمنىڭ قويۇلىشى كىشىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىنى قوزغىدى، بەزى تاماشىبىنلار بۇ فىلىمنى «يىللىق چەت ئەل فىلىمى مۇكاپاتى»غا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت ئىچىدە قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى