تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار تىرنىقىنى مۇنداق ئاسرىشى كېرەك

    قىسمەن قىزلار تىرنىقىنىڭ رەڭگى ۋە شەكىلىنىڭ ئۆزگىرىشىگىلا دىققەت قىلىدۇ ۋە ئوخشىمىغان رەڭدىكى تىرناق لاكىنى سۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما تىرناقنى ئاسراشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.

   تىرناقتا يېرىقچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى يېمەكلىكتە ئاقسىل، تۆمۈر، كالتسىي، گۈڭگۈرت، سىنك قاتارلىق كۆپ ئېلېمنېتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەدەندە ۋىتامىن A، B، C كەمچىل بولسا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولسا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېسە تىرناقنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ياكى تىرناق ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇزۇن ۋاقىت ئاقسىل ياكى تۆمۈر كەمچىل بولسا، تىرناق شەكلى قوشۇقسىمان ياكى ياپىلاق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاقسىل ياكى ۋىتامىن A، B تۈردىكى مېنىرال ماددا كەمچىل بولسا، تىرناق يۈزىدە دولقۇنسىمان سىزىق پەيدا بولىدۇ ياكى تىرناق يۈزىنىڭ رەڭگى خۇنۈكلىشىپ كېتىدۇ.

    شۇڭا، تىرناقنىڭ ئۇزۇنغىچە كۆركەم ھالىتىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق، ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭ تولۇقلىنىشىغا ياكى ھەر كۈنى ۋىتامىن تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

   بۇنىڭدىن سىرت، بىر قېتىمدا كاروتېن (萝卜素) ياكى ماندارىن (柑橘) قاتارلىق تەركىبىدە پىگمېنت مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر دىققەت قىلمىسا تىرناق يۈزى رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

   ئادەتتە قاچا-قۇچا يۇيغاندا، تازىلىق قىلغاندا پەلەي تاقاشنى ئۇنۇتماڭ. قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە باشقا تازىلاش سۇيۇقلۇقى تىرناقنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، تىرناقنىڭ ئاسان سۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە تىرناق تازىلىغۇچنى ئايدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى