تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ پورتىدىكى چېگرا ئېغىزىدا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى 5000 قېتىم قاتناشتەك بۆسۈش ھاسىل قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى بولغان ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 5000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناشتەك بۆسۈش ھاسىل قىلغان، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئاسىيا-ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنىڭ تەدرىجىي تېزلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئالاتاۋ پورتىدىكى تاموژنىدىن ئىگىلىشىچە، 2011-يىلى «چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن ئۆلكىلەر كەينى-كەينىدىن ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان يۈك پويىزلىرىنى يولغا قويغان، ئالاتاۋ پورتىدىكى چېگرا ئېغىزىدا قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى جەمئىي 5000 قېتىم قاتناشتىن ئاشقان؛ ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى بۇ يىل جەمئىي ئون جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ۋە 816 قېتىم نۆۋەتچى پويىزنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتچى يۈك پويىزلىرى ياۋروپادىكى 13 دۆلەت، 36 شەھەرگە قاتنايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئايلانما مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئالدىن تەكشۈرۈش، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتتا تىزىملىتىپ تەكشۈرۈش، كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كەلسە شۇ ۋاقىتتا تەكشۈرۈشتەك خىزمەت پىرىنسىپى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەسلىككە، 365 كۈن توختاپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى