تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق ماتېرىيالدا ياسالغان ئىستاكان ئەڭ بىخەتەر؟

    سۇ ئىچىش مۇھىم، سۇ ئىچىدىغان ئىستاكاننى توغرا تاللاشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. سۇ ئىچىدىغان ئىستاكان سۈپەتسىز بولسا، سالامەتلىككە زىيانلىق. ئۇنداقتا ئەينەك ئىستاكان، فارفۇر ئىستاكان، داتلاشماس پولات ئىستاكان، سۇلياۋ ئىستاكانلارنىڭ قايسىسى ئەڭ بىخەتەر؟

    داتلاشماس پولات ئىستاكان
    داتلاشماس پولات ئىستاكان مېتال بۇيۇمغا تەۋە بولۇپ، ئادەتتە سۇ قۇيۇپ ئىچسە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما كىسلاتالىق ئىچىملىك، مېۋە شەربىتى، قەھۋە قاتارلىقلارنى قۇيۇپ ئىچسە داتلاشماس پولات تەركىبىدىكى مېتال ماددىلار ئاسانلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ.
    دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، داتلاشماس پولات ئىستاكاننى يۇيغاندا ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك سودا، ئاقارتقۇچ پاراشوكى قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى سودا بىلەن ئاقارتقۇچ داتلاشماس پولات بىلەن ئۇچراشسا خىمىۋىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ.

     سۇلياۋ ئىستاكان

    سۇلياۋ ئىستاكانغا پلاستىكلاشتۇرغۇچ قوشۇلىدۇ، پلاستىكلاشتۇرغۇچنىڭ تەركىبىدە بەزى خىمىۋىيىلىك ماددىلار بار. سۇلياۋ ئىستاكانغا قايناق سۇ قۇيغاندا زەھەرلىك خىمىۋىيىلىك ماددىلار سۇغا قويۇپ بېرىلىدۇ. يەنە كېلىپ، سۇلياۋ ئىستاكاننىڭ ئىچكى تۈزۈلىشىدە نۇرغۇن يوچۇقلار بار بولغاچقا، ئاسانلا مەينەت ماددىلار كىرىپ قالىدۇ.
    شۇڭا سۇلياۋ ئىستاكان سېتىۋالغاندا، چوقۇم دۆلەتنىڭ يېمەكلىك دەرىجە ئۆلچىمىگە توشقان سۇلياۋ ماتېرىيالدىن ياسالغان ئىستاكاننى سېتىۋېلىش، سېتىۋالغاندا QS بەلگىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    ئەينەك ئىستاكان
    بارلىق ماتېرىيالدا ياسالغان ئىستاكانلارنىڭ ئىچىدە، ئەينەكتىن ياسالغىنى سالامەتلىككە ئەڭ زىيانسىز.
    ئالدى بىلەن ئەينەك ئىستاكاننى كۆيدۈرۈش پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ئورگانىك خىمىۋىيىلىك ماددىلار ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇڭا ئەينەك ئىستاكاندا سۇ ياكى باشقا ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، خىمىۋىيىلىك ماددىلاردىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

    فارفۇر ئىستاكان
    فارفۇر ئىستاكاننىڭ تۈرى كۆپ. ئەمما تۇرمۇشىمىزدا رەڭلىك فارفۇر ئىستاكان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. فارفۇر ئىستاكاندىكى رەڭلىك گۈل، نەقىشلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل بوياق. ئىستاكانغا قايناق سۇ ياكى كىسلاتالىقى، ئىشقارلىقى يۇقىرى ئىچىملىك قويۇلغاندا، گۈل، نەقىشلەردىكى بوياقنىڭ تەركىبىدىكى قوغۇشۇن قاتارلىق زەھەرلىك ئېغىر مېتال ئېلېمنېتلار ئىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئېغىر مېتاللار ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
    يەنە بىرسى بويالمىغان فارفۇر ئىستاكان بولۇپ، ئىچكى دىۋارى رەڭسىز. بۇنداق فارفۇر ئىستاكاننىڭ ماتېرىيالى بىخەتەر بولۇپلا قالماي يەنە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى