تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

[بەخت كۈرۈش قىلىشتىن كېلىدۇ] راشىيلا راخات: قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ

   شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ28-كۈنى، راشىيلا راخات شاگىرتلىرى بىلەن رۇدا يىغىۋېلىش زاۋۇتىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

   ئۇ زاۋتتىكى كونا لەيلىتىپ تاللاش ئىشچىسى شۇنداقلا شىركەت خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ باشلامچىسى. ئۇ يېتەكلىگەن 30 نەپەر تېخنىك ئىشچىسى ھازىر شىركەتنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ قاراتۈڭكې كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قارمىقىدىكى بىر شىركەت. راشىيلا راخاتنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى پىشقەدەم كان ئىشچىسى بولۇپ، دادىسىنىڭ تەسىرىدە ئۇ روس تىلى كەسپىنى ئۆگەنگەن، 1999-يىلى راشىيلا يەنىلا كان زاۋۇتىدا ئىشلەشنى قارار قىلىپ، لەيلىتىپ تاللاش ئىشچىسى بولغان.

   لەيلىتىپ تاللاش كان زاۋۇتىنىڭ «يۈرىكى»، ھەرقايسى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ياكى يامان تاماملىنىشى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. راشىيلا مۇنداق دېدى: زاۋۇتقا يېڭى كەلگەندە، ھىچ ئىشنى قىلالمايتىم، لەيلىتىپ تاللاش خىزمىتىدە يەتتە-سەككىز خىل دورىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلمەيتىم.

   شۇنىڭ بىلەن خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتتا راشىيلا كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇدى، ئۇ ھەركۈنى يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشقا كېلىپ، يېرىم سائەت كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ، پېشقەدەم ئۇستازلاردىن كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەندى.

   كۈندۈزلۈك خىزمەتتە، راشىيلا تېخنىك خادىملارغا ئەگىشىپ، ئۇلاردىن قايسى خىل دورا كۆپ بولسا قانداق بولىدىغانلىقىنى، قايسى خىل دورا كەم قوشۇلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىسا، كەچلىك خىزمەتتە ئۇ ھەر خىل دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يادلاپ، كۈندۈزى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تەكرارلىدى. ئۇ تېخنىك ئۇستاملار سۆزلىگەن مەزمۇن بىلەن ئۆزى خاتىرلىگەن مەزمۇن ۋە دىجورنى ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقاتتى. ئاستا-ئاستا، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىسمېنا - گۇرۇپپا كۆرسەتكۈچ ئۆلچەمگە يېتىپ، ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى يەتتە ئاي ئىچىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

    راشىيلا: لەيلىتىپ تاللاش خىزمىتى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ھەم كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت، نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغان ئاچا-سىڭىللار خىزمەتنى جاپالىق كۆرۈپ ئارقا-ئارقىدىن كەتتى، ئەينى چاغدا مەنمۇ ئىككىلىنىپ قالغان ئىدىم لېكىن مەن يەنىلا داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم، مەن بۇ خىزمەتنى سۆيىمەن، ئىشىنىمەنكى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ،-دېدى.

    2012-يىلى، تېخنىكا تايانچى بولغان راشىيلا شاگىرت تەربىيىلەشكە باشلىدى. «مېنىڭ تۇنجى شاگىرتىم گاۋ يەن، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، تۆت يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىركەتنىڭ تېخنىكا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى» دېدى راشىيلا پەخىرلەنگەن ھالدا.

     شاگىرتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشى راشىيلانى خۇش قىلدى. ئۇ ھازىرمۇ ئۆگىنىشنى توختاتمىدى. «مەن شاگىرتلىرىمنىڭ مەندىن سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەسلىكىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن، شۇڭا ھەر قانداق مەسىلىگە دۇچ كەلسەم، توردىن ماتېرىيال كۆرۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيمەن» دېدى راشىيلا مۇخبىرغا.

   ئۆگىنىشنىڭ  چېكى يوق. 2014-يىل، شىركەت تېخنىكا ئىقتىدار ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، راشىيلانىڭ ئۆزىگە بولغان تەلىپىمۇ ئاشتى. شاگىرتلارغا دەرس سۆزلىگەندە ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش PPT دەرىسلىكى سۆزلىمەستىن، سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى قولدا يېزىپ تەييارلىدى. ئۇ: گەرچە PPT دەرىسلىكىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلۇمدا سىستېمىلىق ۋە نەزەرىيىۋىلىك بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بىر نەرسە ئۆگىنەلەيمەن،-دېدى.

   نەچچە يىلدىن بېرى، راشىيلا تېخنىكا ئىقتىدار ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىسىدىن پايدىلىنىپ، كان زاۋۇتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شاگىرتلىرى بىلەن چوڭ، كىچىك نەچچە ئون تۈرلۈك تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەمدە شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تېجەپ بەردى.

   ئىككى يىلدىن كېيىن راشىيلا پېنسىيەگە چىقىدۇ، ئۇ: مەن شىركەت ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىشنى، كۆپرەك ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشنى ئويلاپ، يەنە  بەش يىل ئىشلەشنى قارار قىلدىم، بىلىدىغان بارلىق بىلىملىرىمنى شاگىرتلارغا قالدۇرۇپ كېتىمەن،-دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • چاتما ئوق پويىز بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋېلىش
  • ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى خەلق باغچىسىدا باشلاندى
  • ئاسىيا قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى