تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   تاغدىن-باغدىن

راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىز ئالاقە تورىدا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېيدىكى 22 ياشلىق قىز جېسىكا ئولسونغا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئەمما ئۇ ئالاقە تورىغا دائىم خۇشال ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ، تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

  جېسىكانىڭ ئالاقە تورىدىكى مەستانىسى 8000 غا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ساياھەت سۈرىتى، چېنىقىش ۋىدىيوسى، گىرىم قىلىش ماھارىتى قاتارلىقلارنى تورغا چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. يېقىندا ئۇ بىر پارچە ماقالە يېزىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالاقە تورىغا «رېئال» ھالىتىنى چىقارمايدىغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جسىكا مۇنداق دېگەن: «نەچچە كۈن ئىلگىرى مېنىڭ بىر دوستۇم ماڭا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، مېنىڭ ئالاقە تورىدىكى بەختلىك، ساغلام، ئاكتىپ ھالىتىمدىن بەك خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق دېدىم: مەن بىر ھەپتە توختىماي قۇستۇم، ئۇخلىيالمىدىم، ئەمما ئالاقە تورىغا بىر كۈنۈمدىكى قىسقىغىنە خۇشال ۋاقتىمنى چىقاردىم. ھەربىرىمىزنىڭ ئالاقە تورىغا چىقارغان نەرسىلىرىمىز بەلكىم باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، خۇشال مىنۇتلارنى چىقىرىشنىڭ خاتاسى يوق، ئەگەر كۆرگىنىمىز پەقەتلا پاسسىپ ۋە قاراڭغۇ نەرسىلەر بولسا، بىز يەنە ئالاقە تورىغا چىقامدۇق؟ ئاپام ھەر دائىم مېنى ئاددىي خۇشاللىقىڭ بىلەن كىشىلەرنى ھەرۋاقىت ئازدۇرۇپ كېلىۋاتىسەن، دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچكىم مېنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلالمىدى. ھەرۋاقىت كېسىلىمنىلا ئويلىغىم يوق، قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ كىشىلەرگە خۇشال ۋاقىتلىرىمنى بىلدۈرسەم دەيمەن. ئالاقە تورىدا مەن نۇرغۇنلىغان تېلەكلەرگە ئېرىشتىم، بۇ مېنى بەكمۇ خۇش قىلدى».

  جېسىكا مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن كەچ مەن ئوغۇل دوستۇم بىلەن بىرگە تاماق يىگىلى باردىم. ئىككى سائەت ئۆچرەت ساقلاپ، ئاندىن نۆۋەت تېگىپ تاماق يېيىشكە باشلىدۇق، ئەمما تاماق بىر ئاز ئاچچىق بولغاچقا، قورسىقىم ئاغرىشقا باشلىدى، ئىككى سائەتتىن كېيىن، مەن ھاجەتخانىدا قۇسۇشقا باشلىدىم، ئەمما مەن ئالاقە تورىغا قۇسقان سۈرەتنى ئەمەس، بەلكى تاماقخانىنىڭ سىرتىدا چۈشكەن چىرايلىق سۈرىتىمنى چىقاردىم».

  جېسىكا ھەقىقەتەنمۇ ئالاقە تورىغا ماقالە چىقىرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئەگەر چىقارغۇدەك يېڭى مەزمۇن بولمىسا ئۇ ئىلگىرى چىقارغان خۇشال خاتىرىسىنى يەنە بىر قېتىم چىقىراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى