ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى ئوپېراتسىيە بۆلىمىنىڭ دوختۇرلىرىمۇ ئاق خالات كىيىدىغان بولۇپ، ئەمما كېيىن بىر دوختۇر ئاق رەڭلىك خالاتنىڭ بىر كەمچىلىكىنى بايقىغان. يەنى دوختۇر ئوپېراتسىيە داۋامىدا قانغا قاراپ، ئارقىدىن ئاق خالاتقا قارىغاندا بىردىنلا ھېچقانداق نەرسىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن.
بۇ خۇددى قىشقا سىرتقا چىققاندا، قاردىن قايتقان نۇرنىڭمۇ كۆزىمىزنى بىئارام قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ «قىزىل» لىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ئەزالارنىڭ قېنىق رەڭدە، بەزى ئەزالارنىڭ سۇس رەڭدە بولىدۇ. ئوپېراتسىيە ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كۆزنىڭ «قىزىل» رەڭنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارا-بارا ئاجىزلاپ، ئاخىرىدا «تويۇنۇش» ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل ئىنچىكە پەرقنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. بۇ خىل كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، ئاق رەڭگە قارىسا دوختۇرلار تېخىمۇ ئاسان خاتالىشىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرلار يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك خالات كىيىدۇ؟
چۈنكى يېشىل رەڭ بىلەن كۆك رەڭ قىزىل رەڭگە نىسپىي بولغاچقا دوختۇرنىڭ قىزىل رەڭگە بولغان خاتىرىسىنى يېڭىلاپ، قىزىل رەڭگە بولغان سەزگۈرلىكىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئوپېراتسىيە داۋامىدا پات-پات يېشىل رەڭلىك نەرسىلەرگە قارىسا يۇقىرىقى ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلىن بولىدۇ، يېشىل رەڭلىك خالاتنى كىيىۋالسا كۆرۈش سېزىمىنى تەڭشەشكە تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىلىدۇ.
بۇنداق بولغاندا دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولغان ئەزالاردىكى ھەر خىل ئىنچىكە پەرقنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ، خاتالىق سادىر قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.
دوختۇرلار ئوپېراتسىيەگە كىرگەندە ناۋادا ئاق رەڭلىك خالات كىيسە، ئاسانلا قان يۇقۇپ كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلايدۇ. يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك خالات كىيسە، قان خالاتقا يۇقۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قان دېغى قارا ياكى قوڭۇر كۆرۈنۈپ كۆرۈش سېزىمىنى تەڭشەيدۇ.