تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرەيلى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، يۇمشاق ئەمەلىي كۈچتە يەنىلا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىمىز.

   ‹‹ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاش كېرەك››. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويۇپ، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا، دۇنيادا پەن – تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە جەزمەن زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   ئادەم پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل، يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى يېڭىلىق يارىتالايدىغان ئىختىساسلىقلارغا موھتاج. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ماھىيىتى ئىختىساسلىقلارغا تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنياۋى نەزەر دائىرىگە ۋە خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن – تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى كۈچەپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. ‹‹ئالەم كۆزى›› ئارقىلىق ئاسماننى كۆزىتىشتىن ‹‹سۇ ئەجدىھاسى›› ئارقىلىق دېڭىزنى كۆزىتىشكىچە، سىلانېتس گازىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىن كىۋانت ھېسابلاش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقىچە، كۆپلىگەن زور پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەتكە ئاتلانغانلىقىنىڭ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۆلىتىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، دۇنيادا پەن – تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، دۇنيادا ئاساسلىق ئىلىم – پەن مەركىزىگە ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلىنىش نىشانىغا يېتىشتە، ھازىر دۆلىتىمىزدە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى يەنىلا كەمچىل، بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل. ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىشتىكى 1 – بايلىق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن تەخىرسىز، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم.

   زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتالايدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىگە ماسلىشالماسلىق، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلغان پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا پايدىلىق باھالاش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم يولغا قويۇشتا. شەخسلەرنى باھالاش بىلەن كوللېكتىپنى باھالاشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كوللېكتىپ ئىچىدىكى بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۆھپىسىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك؛ پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مۇۋاپىق ئىمتىيازغا ئىگە قىلىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، تىنچ ھالەتتىكى باھالاش نەتىجىسى بىلەن ئىختىساسلىقلارغا ‹‹مەڭگۈلۈك ماركا›› چاپلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يۈزەكى ھالدا ئىلمىي ماقالە، پاتېنت، مەبلەغنىلا ئىختىساسلىقلارنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوشۇقچە قائىدىلەر ئارقىلىق ئالىملارنىڭ پۇت – قولىنى چۈشەپ قويماسلىق، ساناقسىز جەدۋەل ۋە تەستىق ئارقىلىق ئالىملارنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى خوراتماسلىق كېرەك.

   زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە  –  مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹يېڭىلىق يارىتىشتا ئىختىساسلىقلار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىختىساسلىقلار توپلانسا، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلگە ئاشىدۇ››. ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق تەربىيەلەش مېخانىزمى، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلىتىش مېخانىزمى، رىقابەتلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە پايدىلىق ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىشىغا پايدىلىق رىقابەتلىشىش مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈش؛ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىدىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، مۇكەممەل بولغان پەلەمپەيسىمان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلغاندىلا، ئىختىساسلىقلار يىلتىز سىستېمىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىغىلى بولىدۇ.

   بارلىق پەن – تېخنىكا تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىم ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىملارغا ئىگە بولسا، شۇ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىپ، دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلار جۇڭگوغا توپلاشقان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى ئەركىن جارى قىلدۇرالايدىغان يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرگەندىلا، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى جەزمەن يارىتالايمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى