تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۆزىنى بېغىشلاش داۋامىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىش

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

   بېيجىڭلىق ئەر – خوتۇن قەتئىي نىيەت بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېلىپ، خوتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي مېھرى ۋە قان – تەرىنى سىڭدۈرۈپ، گەۋدىلىك نەتىجە ياراتتى. ئۇلار شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تەسىرلىك مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

   جاڭ رۈي بىلەن خاۋ ۋاڭخۇڭنىڭ جىسمىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ، تۆھپە قوشۇپ، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىشلەشتەك دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مۇھەببەت ئەكس ئەتكەن.

   57 ياشلىق جاڭ رۈي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى قانداقتۇر ‹‹مەنسىپىنى ئۆستۈرۈش››، ‹‹دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش›› بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى، خۇددى جاڭ رۈي ئېيتقاندەك: 20 يىللىق ئىستاژغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە تەشكىلاتى ئېھتىياجلىق بولغاندا، جەزمەن شەرتسىز بويسۇنۇشۇم كېرەك.

   شۇنداق قىلىپ جاڭ رۈي پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا، ئالدىنقى سەپنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى، خوتەن ئۇنىڭغا ئوخشاش باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسىگە موھتاج بولغاچقا، ئۇ ئىرادىسىدىن يانماي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

   يەتتە ئايدىن كېيىن، جاڭ رۈينىڭ خوتۇنى خاۋ ۋاڭخۇڭ ئۇنىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن راھەت، ئازادە پېنسىيە تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، خوتەنگە كېلىپ مائارىپقا ياردەم بەردى.

   بېيجىڭ بىلەن خوتەننىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، جاڭ رۈي بىلەن خاۋ ۋاڭخۇڭ چوڭ شەھەردىن، راھەت ئۆيىدىن ئايرىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ جاپالىق رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇم – بوران ۋە قۇرغاقچىلىقتىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق خوتەن زېمىنىغا قان – تەرىنى ئاققۇزۇپ، قۇملۇقتا يېشىللىق بەرپا قىلىپ، ۋەتەننىڭ گۈل – گىياھلىرىنى پەرۋىش قىلدى.  

   جاڭ رۈي، خاۋ ۋاڭخۇڭ ئەر – خوتۇننىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تاللىشىنى بەلكىم بەزى كىشىلەر چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن، ئۇلار باشتىن – ئاخىر قىلچە پۇشايمان قىلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا چوڭقۇر مېھرى چۈشكەن، ئۇلار دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش بىلەن بىللە، ھاياتنىڭ يېڭى مەنىسىنى تاپتى. ھېسسىيات جەھەتتە كۈچلۈك ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

   ئۇلار ئالدىراش ئۆتتى، ئۇلار نەتىجىگە ئېرىشتى، ئۇلار ئۆزىنى بېغىشلىدى، ئۇلار شادلىققا چۆمدى.

   جاڭ رۈي ئەر – خوتۇننىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرى بېيجىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ ‹‹چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خالىس تۆھپە قوشۇش›› روھىي قىياپىتىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، بېيجىڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ‹‹بېيجىڭلىقلار بىلەن خوتەنلىكلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن قاراشنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق مىسالى.

   جاڭ رۈي ئەر – خوتۇن 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن بارلىق كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىگە ئېلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىش – ئىلگىرىلەشتەك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇملۇققا ئېتىبار بېرىپ، ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

   جاڭ رۈي ئەر – خوتۇننىڭ چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئىش – ئىزلىرى سۈزۈك بۇلاقتەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغارماقتا، ئىشىنىمىزكى، بۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كادىر، ئىختىساسلىقلارنى سادىق ئېتىقادى بىلەن شىنجاڭ زېمىنىدا يېڭى سەھىپە يارىتىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى زور مېھىر – مۇھەببىتىنى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىغا بېغىشلاپ، شىنجاڭغا سىڭىشىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرگۈسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى