تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

«قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتى» نى ياخشىلاشتا قىينىلىۋاتامسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

    ھەممە ئۆيدە تۈرلۈك-تۈمەن باش قېتىنچىلىقلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى «قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتى». ئائىلىدە ئىككى دەۋردىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇش كۆپىنچە قېيىنئانا، كېلىن مۇناسىۋىتىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتىنى ئېلىمىزنىڭ ئائىلىۋىي مۇناسىۋىتىدىكى ئەنئەنىۋىي قىيىن مەسىلە، دېيىشكە بولىدۇ.

    ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا قېيىنئانىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ سىزگە ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
    1. قېيىنئانىڭىزنى ھۆرمەتلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىزگە ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.
    قېيىنئانىڭىز سىزنى بېقىپ چوڭ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېرىڭىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان. شۇڭا، ئېرىڭىزنىڭ ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى توغرا چۈشىنىشىڭىز، قېيىنئانىڭىزنى ھۆرمەتلىشىڭىز كېرەك. ناۋادا ئېرىڭىز سىزنىڭ ئانىڭىز بىلەن تاكاللاشسا سىز قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ شۇڭا، قېيىنئانىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشىڭىز، ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا، قېيىنئانىڭىز ۋە ئېرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيسىز.
    2.قېيىنئانىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇڭ.
    مەيلى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياكى ئەدەپ يۈزىسىدىن بولسۇن، قېيىنئانىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇڭ. ئانىڭىزغا سوۋغات ئالغاندا قېيىنئانىڭىزغىمۇ بىرنى ئارتۇق ئېلىڭ، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىڭ. سىزنىڭ كۆيۈنىشىڭىز ۋە غەمخورلىقىڭىز قېيىنئانىڭىزنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    3.قېيىنئانىڭىز بار يەردە ئېرىڭىزنى ئىشقا بۇيرۇماڭ.
    بۇ داۋلىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، ناۋادا ئاتا-ئانىڭىز ئۆيىڭىزدە نەچچە كۈن تۇرۇپ قالسا، ئېرىڭىز سىزنى توختىماي ئۇ ئىش، بۇ ئىشقا بۇيرۇسا، ئاتا-ئانىڭىز قانداق ئويلايدۇ؟ ئەلۋەتتە «قىزىمىزنىڭ كۈنى تەس ئىكەن، ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىدىكەن» دەپ ئويلايدۇ. قېيىنئانىڭىز ئوغلىنىڭ ئۆيىدىكى ئورنىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى، كېلىنىنىڭ ئوغلىنى خالىغانچە ئىشقا بۇيرۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسە ئەلۋەتتە قارشىلىشىش پسىخىكىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئەقىللىق ئايال قېيىنئانىسى ئالدىدا ئېرىنى ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆيىڭىزگە قايتقاندا ئېرىڭىزدىن ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ، ئەمما قېيىنئانىڭىز ئالدىدا يۇقىرىقىدەك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
    4.قېيىنئانىڭىزنى ئەركىلىتىشنى بىلىڭ.
    ۋاقتىڭىز چىققاندا قېيىنئانىڭىزنى كۆپرەك ئەركىلىتىڭ. چوڭلار باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قېيىنئانىڭىزدىن ئۇنىڭ ئېرىڭىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ. پاراڭ داۋامىدا «ئاپا، ھەقىقەتەن جاپا تارتىپسىز، بىز ئىككىمىز ھالىڭلاردىن چوقۇم ياخشى خەۋەر ئالىمىز» دېگەندەك جۈملىلەرنى قوشۇپ قويۇڭ. ئۇنىڭغا سىزنىڭمۇ بۇ ئائىلىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
    5.قېيىنئانىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز بىلەن قىزغىن مۇئامىلىدە بولماڭ.
    باشقىلار ئالدىدا ئېرى بىلەن بەك قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇش ئۇلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك، قېيىنئانىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق. چوڭلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەنئەنىۋىي ئىدىيەسى ۋە ئادەتلىرى بولىدۇ، ئېرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ھەر قانچە يېقىن بولسىمۇ، چوڭلار بار يەردە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىشىپ ئىش قىلىش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    6.بەزى گەپلەرنى قېيىنئانىڭىزغا ئوچۇق ئېيتىڭ.
    تۇرمۇشتا قېيىنئانىڭىزنىڭ بەزى سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكىتىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى سەۋر-تاقەت قىلىشقا مەجبۇرلىماي، ئېرىڭىز ۋە قېيىنئانىڭىز بىلەن ئىلمىي يوسۇندا پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ، «قورسىقىمدىكىنى تاپ» دەپ غۇم ساقلاپ يۈرگەندىن كۆپ ياخشى.
    7.ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات، دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
    قېيىنئانا-كېلىن ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دەڭ، كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ. پرىنسىپقا تاقىشىدىغان ئىش بولمىسا، بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ.
ئومۇمەن، قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتى بىر تۈرلۈك ئالاھىدە، بىر تەرەپ قىلىش قىيىنراق بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى. بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا ھەر ئىككىلا تەرەپ كەيپىياتىنى رۇسلاپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى