تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   مودا-ئېقىم

«جادۇگەر ئايال 2» فىلىمى ئىشلىنىۋاتىدۇ

  دىسنېي كىنوچىلىقى چۆچەك فىلىملىرى يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئانجېلىنا جۇلى ۋە ئېللې فان باش رول ئالغان «جادۇگەر ئايال 2» فىلىمىنى ئىشلەش جاكارلانغان بولۇپ، دىسنېي كىنوچىلىقى كۆزئەينەك تاقىۋالغان فان ۋە مۈڭگۈز تاقىۋالغان جۇلىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئالاقە تورىغا چىقىرىپ، بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان، ئەمما قاچان قويۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.

  «جادۇگەر ئايال» ناملىق بۇ فىلىم كىلاسسىك چۆچەك «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال»دىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ،فىلىمدە مەلىكىنىڭ جادۇگەر ئايال ئەپسۇنىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرق بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە ساقلاپ قېلىنىش بىلەن بىرگە، ئەپسۇن ئوقۇغان مالېفىسېنتنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋەقەلىك بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ غەم -ئەندىشىسىز ئورمان ئىچىدىكى پەرىزاتتىن ئۆچ ئالغۇچى ئايال پادىشاھقا ئۆزگەرگەن جەريانى سۆزلەنگەن.

  «جادۇگەر ئايال» فىلىمىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى بېلەت كىرىمى 758 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولغاچقا، دىسنېي كىنوچىلىقى ئەلۋەتتە داۋامىنى ئىشلەشنى قولدىن بەرمىگەن. ئىگىلىنىشىچە، «جادۇگەر ئايال 2» فىلىمىدە مۈڭگۈزلۈك جادۇگەر مالېفىسېنت ۋە ئايال پادىشاھقا ئايلانغان ئېررول مەلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا مۇرەككەپ بولغان، شۇنداقتىمۇ ئىككىيلەن بىرلىكتە يېڭى سەلبىي ئوبرازغا تاقابىل تۇرۇپ، ئورمان دۆلىتى ۋە ھايۋانلارنى قوغدىغان.

  «قۇملۇق چاشقىنى» ناملىق فىلىم ئارقىلىق داڭق قازانغان ئەنگلىيەلىك ياش ئارتىس خارىس دىككىنسون «جادۇگەر ئايال 2» فىلىمىدە شاھزادىنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئېللې فان رول ئالغان ئېررولنى قوغلاشقان. دىككىنسون ئالماقچى بولغان بۇ رولنى «جادۇگەر ئايال» فىلىمىدە بىرېنتون ساۋائىتېس ئالغان بولۇپ، بىرېنتوننىڭ فىلىم ئېلىش ۋاقتى توغرا كەلمىگەچكە، فىلىمنىڭ داۋامىغا قاتنىشالمىغان.

  ئايال ئارتىس مىشېللې پىفېئىفېرمۇ «جادۇگەر ئايال 2» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ دىككىنسوننىڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ رولىنى ئالغان، ئەنگلىيەلىك چولپان ئېد سكرېئىن بۇ فىلىمدە سەلبىي ئوبرازنىڭ رولىنى ئالغان.

  «جادۇگەر ئايال 2» فىلىمىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى يەنىلا بىرىنچى بۆلۈمىدە فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان جوئى روس بولغان، «كارىب دېڭىز قاراقچىسى 5: سالازارنىڭ ئىنتىقام ئېلىشى» ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى جوئاچىم روئېن بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇقىنى قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى