تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كىيىمنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن ئاياللارنىڭ خاراكتېرىنى بىلىش

    قارا رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: قارا رەڭلىك كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللار تۇرمۇشتا بەكرەك مۇستەقىل كېلىدۇ. بۇنداق ئاياللار مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا، ئۆزىنى تىزگىنلەشكە ماھىر، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك، كۆرۈنۈشكە تاش يۈرەكتەك كۆرۈنىدۇ، ئۆزىنى دائىم تەنھا ھېس قىلىدۇ.

    ئاق رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: ئاق رەڭلىك كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللار خىلمۇخىل رەڭلەردىن بىزار. بۇنداق ئاياللار ئۆز-ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياكى يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشقا تىرىشىۋاتقان بولىدۇ. ئادەتتە، ئۇلار يوللۇق ئىش قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ئىنتايىن ماھىر بولىدۇ.

    قىزىل رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كېيىدىغان ئاياللار: قىزىل رەڭلىك كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللار ئاكتىپ تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە بولۇپ، جاھاندارچىلىقنىڭ يولىنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق، سەمىمىي بولىدۇ.

    سېرىق رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: سېرىق رەڭلىك كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار دوستلىشىشقا ئامراق بولۇپ، بارلىق خۇشاللىقلىرى ۋە قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولغاچقا، ئاسانلا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

    كۆك رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: كۆك رەڭ «ياراملىق ئايال» لارنىڭ سىمۋولى. كۆك رەڭلىك كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللار ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك. ئەمما بەزىدە ئۆزلۈك ئېڭى بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا باشقىلارغا ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ.

    ھال رەڭ كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: ھال رەڭ نازۇكلۇقنىڭ سىمۋولى. ھال رەڭلىك كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللار ئىشلارغا نىسبەتەن ئەستايىدىل بولۇپ، مۇلايىم ھەم مېھرىبان كېلىدۇ. ئەمما ئاسانلا باشقىلارنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ كېتىدۇ.

    بىنەپشە رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: بىنەپشە رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە سېزىمى ئۆتكۈر، توغرا بولۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

    كۈلرەڭ كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: كۈلرەڭ كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللار تۇرمۇشتا ئىنتايىن پاسسىپ بولۇپ، ئوچۇق-يورۇق مىجەزنى يىتىلدۈرۈش بۇ خىل «مىجەز ئاجىزلىقى» نى يېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.

    قوڭۇر رەڭلىك كىيىمنى كۆپرەك كىيىدىغان ئاياللار: قوڭۇر رەڭلىك كىيىمنى كۆپ كىيىدىغان ئاياللارنىڭ «تېشى پالپال، ئىچى غالغال»، رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇنداق ئاياللار ئېھتىياتچان بولۇپ، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى