تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قايسى خىل داۋالاش تەكشۈرۈشىنىڭ رادىياتسىيەسى ئەڭ كۈچلۈك؟ (2)

    B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى
    B  تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قايتىشىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئەكس سادا ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خۇددى سۇغا تاش ئېتىش ئارقىلىق سۇنىڭ چوڭقۇرلىقىنى تەكشۈرگەنگە ئوخشايدۇ.
    رادىياتسىيەنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى: ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قايتما تەسۋىرىدىن پايدىلىنىدۇ، رادىئاتسىيىسى يوق .
تەكشۈرۈش دائىرىسى: B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئاساسلىقى قورساق بوشلۇقى بىلەن داس بوشلۇقىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۈت بېزى، قالقانسىمان بەز، جىگەر، بۆرەك، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئۆت، تال، دوۋساق، بالياتقۇ، تۇخۇمدان قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈرەك تەكشۈرتىشىدىمۇ دائىم B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى قوللىنىلىدۇ.

    يادرولۇق ماگنىت
    ماگنىتلىق رېزونانس (MRI) بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان يادرولۇق ماگنىت بولۇپ، ئاتالغۇدا يادرو سۆزى بولغاچقا، كىشىلەر يادرولۇق ماگنىتنى رادىيوئاكتىپلىق نۇر ۋە رادىياتسىيە قويۇپ بېرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاتالغۇدىكى يادرو—ھىدروگېن ئاتوم يادروسى (氢原子核) نى كۆرسىتىدۇ. ماگنىتلىق رېزونانس بىر ماگنېت مەيدانى بولۇپ، ئادەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ياتقاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ھىدروگېن ئاتوم يادروسى قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتلىنىپ، كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىدۇ.
    رادىياتسىيەنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى: باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماگنىتلىق رېزونانس بىر سۈنئىي ماگنىت مەيدانى بولۇپ، ماگنىت دولقۇنى سىگنالىدىن پايدىلىنىپ تەسۋىر ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. رادىيوئاكتىپلىق نۇر ۋە رادىياتسىيە قويۇپ بەرمەيدۇ.
    تەكشۈرۈش دائىرىسى: ماگنىتلىق رېزونانس بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن ئەزالارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مېڭە، قان تومۇر، مۇسكۇل، تارىمۇش (سىڭىر، پەي)، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماگنىتلىق رېزونانستا تەكشۈرتۈش كېرەك. ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىدە كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تاللاپ تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ماگنىتلىق رېزونانستا تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى