تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   تاغدىن-باغدىن

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ مەرۋايىتى 320 مىڭ ياۋروغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوللاندىيەنىڭ ھاگۇئېدىكى ۋېندۇئېخۇئىس كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيادا مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ مەرۋايىتىنىڭ شۇ كۈنى 320مىڭ ياۋروغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ «ئۇيقۇدىكى شىر» دەپ ئاتالغان تاتلىق سۇ مەرۋايىتىنىڭ ئېغىرلىقى 120 گىرام، ئۇزۇنلۇقى 7 سانتىمېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى مەلۇم بولغان ئۈچ ئەڭ چوڭ مەرۋايىتنىڭ بىرى ئىكەن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ئىكەن، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيقۇدىكى شىر» نى ياپونىيەلىك سودىگەر 320 مىڭ ياۋروغا سېتىۋالغان، بۇ مەرۋايىتنىڭ ئىلگىرىكى مۆلچەرلەنگەن باھاسى 340 مىڭدىن 540 مىڭغىچە بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەخمىنەن 1765-يىلى «ئۇيقۇدىكى شىر»نى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى سودىگىرى ھىندونېزىيەگە يۆتكەپ بارغان، مەرۋايىت شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدىكى بىر بوغالتىرغا تەۋە بولغان. بۇ بوغالتىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، «ئۇيقۇدىكى شىر» 1778-يىلى گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە چار پادىشاھ يېكاتېرىنا Ⅱ بۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالغان.

  1796-يىلىغا قەدەر يېكاتېرىنا Ⅱ مەرۋايىتنى سانتپېتىربۇرگدىكى شەخسىي سارىيىدا ساقلاپ كۆرگەزمە قىلغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئەنسىز كۈنلەردە مەرۋايىت يىتۈپ كەتكەن، كېيىن يەنە پولشادا پەيدا بولغان.

  كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، نەچچە قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن، بۇ مەرۋايىتنى 1865-يىلى گوللاندىيەلىك بىر زەرگەر سېتىۋالغان، ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر بۇنى تۆت ئەۋلاد ساقلىغان، 1979-يىلىغا كەلگەندە ئامىستېردام مەرۋايىت جەمئىيىتى بۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى