تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قايسى خىل داۋالاش تەكشۈرۈشىنىڭ رادىياتسىيەسى ئەڭ كۈچلۈك؟ (1)

    X نۇر، CT،B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى، يادرولۇق ماگنېت (MRI)  لاردا بەدەن تەكشۈرتكەندە نۇرغۇن كىشىلەر رادىياتسىيەنىڭ زىينىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ بىر نەچچە خىل تەكشۈرۈشنىڭ ھەممىسى سۈرەتلەش ئىلمى تەكشۈرۈشىگە تەۋە بولۇپ، ماشىنا ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ بىر قانچە خىل تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى، رادىياتسىيەسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تۆۋەندىكىچە:
    X نۇر
    X نۇر بىلەن بەدەن تەكشۈرتۈش ئادەتتە X نۇرنىڭ بەدەندىن ئۆتۈپ (穿透) ئوبراز ھاسىل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خۇددى سۈرەتكە چۈشكەنگە ئوخشايدۇ.
    رادىياتسىيەنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى: X نۇر بىلەن بەدەن تەكشۈرتكەندىكى رادىياتسىيە دوزىسى (的辐射剂量) تەخمىنەن  0.02- 0.1mSv گىچە بولۇپ، بىر قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا قوبۇل قىلىدىغان رادىياتسىيەگە تەڭ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، X نۇر بىخەتەر.
     تەكشۈرتۈش دائىرىسى: ئادەتتە باش، كۆكرەك، قورساق، قول-پۇتنىڭ سۆڭەك ۋە بوغۇملىرىنى X نۇردا تەكشۈرۈتسە بولىدۇ. قىسمەن ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنىمۇ X نۇردا تەكشۈرتسە بولىدۇ. مەسىلەن، بارىي بوتقىسى (钡餐) نى تەكشۈرۈش، ھەزىم قىلىش يوللىرىنى سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىقلار. X نۇردا ئادەتتە ئاساسلىقى كۆكرەك سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، ئۆپكە كېسەللىكلىرى تەكشۈرۈلىدۇ.

    CT
    CT مۇ رادىياتسىيە ئارقىلىق بەدەننى «تېشىپ» ئۆتىدۇ، ئەمما X نۇرغا ئوخشىمايدىغىنى، ھازىر كۆپ قاتار بۇرما CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەسۋىر كۆچۈرۈش دائىرىسى ئىچىدە ھەر بىر توقۇلمىنىڭ تەسىۋىرى ھاسىل قىلىنىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا تەكشۈرتكەن ئورۇننى سانسىزلىغان ھەجىمى بىر كۇب مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان مىكرو چاسىغا ئايرىپ، كىچىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىمۇ تېخىمۇ ئېنىق بايقاشنى كۆرسىتىدۇ.
    رادىياتسىيەنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى: كۆكرەكنى CT ئاپپاراتى بىلەن ئادەتتىكىدەك تەكشۈرسە بەدەن تەخمىنەن 2~5mSv گىچە بولغان رادىياتسىيەگە ئۇچرايدۇ. كۆكرەك تۆۋەن دوزىلىق CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندىكى رادىياتسىيە دوزىسى تەخمىنەن 0.2-0.5mSv گىچە بولىدۇ. شۇڭا ئىنتايىن بىخەتەر.
    تەكشۈرۈش دائىرىسى: CT ئاپپاراتى ئادەتتە باش، كۆكرەك، قورساق ۋە ئومۇرتقا تۈۋرۈكى كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قىسمەن قول-پۇت ۋە سۆڭەك مەسىلىلىرىنى X نۇردا تەكشۈرگەندە سۈرەت ئېنىق كۆرۈنمىسە، CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ. نۆۋەتتە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرى ئىچىدىكى CT ئاپپاراتى ئاساسلىقى كۆكرەكنى يەنى ئۆپكە راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى