تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە كارىزدا كېچىدە ساياھەت قىلالايسىز

ماتېرىيال سۈرەت: يارغول قەدىمىي شەھىرى

 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇخبىر يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە كارىز باغچىسىدا تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنى ھېس قىلىش ساياھىتى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىچە خۇشاللىققا جۆر بولدى. يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە كارىزنى كېچىدە ساياھەت قىلىش تۇرپاننىڭ ئىككى كۈنلۈك ساياھىتىدىكى ئىككى كوزۇر مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

 ئىگىلىنىشىچە، «يارغولنى كېچىدە ساياھەت قىلىش» تۈرى يارغول تەسىراتى، قەدىمىي كەنتتىكى شادلىق، يارغولنى ساياھەت قىلىش، يارغولغا قايتىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ تۈرلەر ئارقىلىق ساياھەتچىلەر دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ، تۇرپاننى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىكەن.

 كارىزنى كېچىدە ساياھەت قىلىش ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ساياھەتچىلەر جىمجىت كېچىدە كارىز سۈيى ئاتا قىلغان سالقىنلىقتىن ھۇزۇرلانغان.

   تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەن جىنچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، بۇلتۇر 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. بۇ يىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان كارىزنى كېچىدە ساياھەت قىلىش، يارغولنى كېچىدە ساياھەت قىلىش، قۇمتاغدا قونۇش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرپاننىڭ ئىككى كۈنلۈك ساياھىتىدىكى سەرخىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەرنى يېڭىچە ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈپ، يەرلىك ساياھىتىنى بىر كۈنلۈك ساياھەتتىن ئىككى كۈنلۈك، كۆپ كۈنلۈك ساياھەتكە، مەنزىرە رايون ساياھىتىنى ھېس قىلىش ساياھىتىگە، بىر كۈنلۈك ساياھەتنى قونۇش ساياھىتىگە ئۆزگەرتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى